Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئەينۇلا
بىئولوگىيە
梅
méi
ئازغان ئائىلىسىگە كىرىدۇ، يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ، دەرەخ تاجىسى يۇمىلاق، كىچىك شېخى ئىنچىكە ئۇزۇن، يېشىل، تۈكى يوق. يوپۇرمىقى كەڭ تۇخۇمسىمان بولۇپ گىرۋىكىدە ئۇششاق ھەرە چىشى بار، يۇمران ۋاقتىدا ئىككى يۈزىدە يۇمشاق قىسقا تۈكى بولۇپ، تەدرىجىي تۆلۈلۈپ كېتىدۇ ياكى پەقەت تۆۋەنكى يۈزىدىكى تومۇرىنى بويلاپ قىسقا تۈك بولىدۇ؛ يوپۇرماق سېپىنىڭ ئۇچىغا يېقىن يېرىدە ئىككى دانە بەز تەنچىسى بولىدۇ. گۈلىنىڭ سېپى بولمايدۇ، گۈل كاسسا نەيچىسى قوڭغۇراقسىمان بولىدۇ؛ گۈلتاجىسى ئاق ياكى ئاچ قىزىل، تەمى مەززىلىك، شەكلى تەتۈر تۇخۇمسىمان بولىدۇ. ئۈچكىلىك مېۋىسى يۇمىلاقراق، ئىككى تەرىپى ياپىلاق بولۇپ، رەڭگى سېرىق ياكى يېشىل، تەمى چۈچۈمەل بولىدۇ؛ ئۈچكىسى تۇخۇمسىمان بولۇپ، چېكىتسىمان تۆشۈكى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەسلى ماكانى جۇڭگو بولۇپ، ھازىر تارقىلىشى ناھايىتى كەڭ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ۋە ھەممە جايدا ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ. مېۋىسى ئىستېمال قىلىنىدۇ، تولغاقنى توختىتىش، ئىسسىقنى قايتۇرۇپ يۆتەل توختىتىش، قۇرت چۈشۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ، يىلتىزى ۋە گۈلى قاننى جانلاندۇرۇپ زەھەر قايتۇرىدۇ؛ ياغىچى ئويمىچىلىققا ئىشلىتىلىدۇ. ئۆزگەرگەن تۈرى ئىنتايىن كۆپ، گۈلى كۆركەم بولۇپ، جۇڭگونىڭ داڭلىق مەنزىرە ئۆسۈملۈكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۆسۈملۈك
桔梅肉
jié méi ròuDباغۋەنچىلىك
艾奴垃
ài nú lāDباغۋەنچىلىك
梅子
méi ziDباغۋەنچىلىك
卡拉玉吕克
kǎ lā yù lǚ kèDدېھقانچىلىق
梅
méiDئورمانچىلىق
洋李
yáng lǐDئۇنىۋېرسال
梅子
méi ziDباغۋەنچىلىك
梅
méi
ئۇنىۋېرسال
(ئى)
lǐ zi
李子
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
乌梅
wū méi
بۇ ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، ياغاچ غوللۇق يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ بولۇپ،
سورتلىرى كۆپ، سوغۇققا چىداملىق؛ يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكىللىك؛ باھاردا چېچەكلەيدۇ، گۈلتاجى ياپراقچىسى بەش تال، ئاق، قىزىل، ھال رەڭ
قاتارلىق رەڭلەردە بولىدۇ، خۇش بۇي پۇرايدۇ؛ مېۋىسى شار شەكلىدە، رەڭگى يېشىل، پىشقاندا سېرىققا ئۆزگىرىدۇ، يېگىلى بولىدۇ، تەمى چۈچۈمەل.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسىنى تولۇق پىشمىغان ۋاقتىدا ئۈزۈۋېلىپ، ئاپتاپقا قاقلاپ
قۇرۇتۇپ، قۇرۇتۇلغان مېۋىنى كۈچلۈك ئوتتا شۆپۈكى كۆپكىچە قورۇپ، ئازراق سۇ چېچىپ، يەنە قۇرۇتۇپ ئەينۇلا كۆمۈرى؛ قۇرۇتۇلغان ئەينۇلىنى
ئېلىپ، تولۇق نەملەپ، ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ، يەنە ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ ئەينۇلا قېقى تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدا كۆپ ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق.
ئۆپكىدىكى ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، يۆتەل توختىتىش، ئۇسسۇزلۇقنى
بېسىش، مەددە چۈشۈرۈش ۋە ئۆلتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
130 گرام ئەينۇلا قېقىنى 130 گرام مامرانچىن بىلەن بىللە يۇمشاق سوقۇپ، ھەر كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا سەككىز گرامدىن كاپ
ئېتىپ بەرسە، قان تولغاقتىن بولغان قورساق ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
10 تال ئەينۇلىنى 12 گرام رەۋەن، 30 گرام ئاق چۇغلۇق، ئالتە گرام كاۋاۋىچىن، 20 گرام قىل يوپۇرماقلىق ئەمەن، 12 گرام سەرخىس، 10
گرام قارا ئەندىز بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆت يولىدىكى سازاڭسىمان مەددە قۇرت كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئەينۇلا قېقىدىن يەتتە تال ئېلىپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتمىگۈچە كۆيدۈرۈپ، يۇمشاق سوقۇپ ئۈچكە بۆلۈپ، گۈرۈچ سۈيى بىلەن ئىچىپ بەرسە،
چوڭ تەرەتتىن قان كېلىش ۋە ھەيز كۆپ كېلىش كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
بەش تال ئەينۇلىنى 35 گرام ئارپا سامىنى بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قان سىيىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
بىر تال ئەينۇلىنى ئىككى تال چىلان، يەتتە تال ئۆرۈك مېغىزى بىلەن بىللە سوقۇپ، تالقان قىلىپ، ئاق ھاراق بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان
ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
30 تال ئەينۇلىنى بىر كىلوگرام ليۇباۋ سۈيى بىلەن بىللە يېرىم سائەت قاينىتىپ، ئاندىن سۈزۈۋېلىپ، كۈنىگە ئالتە قېتىم، ھەر قېتىمدا 2 ~
4 گرامدىن تاماقتىن ئاۋۋال ۋە كېيىن ئىچىپ بەرسە، قىزىلئۆڭگەچ راكى، سۈت بېزى ۋە جىگەر راكلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇشۇ سۇ بىلەن يەرلىك
ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، خەتنىگار بېشىدىكى راكقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
100 گرام ئەينۇلىنى سۇس تۇز سۈيىگە چىلاپ يۇمشىتىپ، پوستىنى ۋە ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ، ئۇنىڭغا ئاتسىدۇم سالىتسىلىكومدىن 10
گرام، پرۇكايىندىن بىر گرام قوشۇپ، ئارىلاشتۇرۇپ، خېمىر قىلىپ، ئاغرىق ئورۇننى پاكىز تازىلىغاندىن كېيىن چېپىپ پلاستېر بىلەن چاپلاپ
قويسا، قاداققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئەينۇلا كۆمۈرىنى يۇمشاق سوقۇپ، يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بەرسە، يارا ئېغىزىنى پۈتتۈرىدۇ.