UyghurMain Dictionary
ئەھمەدى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
14 - 15 - ئەسىرلەردە شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى (چاغاتاي تىلى) دا مۇنازىرە ژانىرىدا يېزىلغان بىرمۇنچە ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى. شائىر ئەھمەدىنىڭ (سازلار مۇنازىرىسى) ناملىق ئەسىرى ئەنە شۇ دەۋردىن بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئەنە شۇنداق ئەسەرلەرنىڭ بىرىدۇر.
مۇنازىرە ژانىرىدا يېزىلغان «سازلار مۇنازىرىسى» ناملىق بۇ شېئىرىي ئەسەرنىڭ باش قىسمىدىكى نەسىرىي شەكلىدە بېرىلگەن مۇقەددىمىدىن بىز ئەسەر ئاپتورىنىڭ ئىسمى ئەھمەد ئىكەنلىكىنى، ئەسەرنىڭ تىلى، ئەنئەنىسى ۋە باشقا بەزى مەنبەلەردىن شائىرنىڭ 15 - ئەسىردە ياشاپ ئىجاد ئەتكەنلىكىنى بىلىمىز.
«سازلار مۇنازىرىسى» مەسنىۋى شەكلىدە، ئارۇزنىڭ رەمەلى مۇسەددەسى مەھفۇز ۋەزىندە يېزىلغان.
مۇنازىرىنىڭ كىرىش قىسمى ھازىرقى بەدىئىي ئەسەرلەرنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى باشلىنىشنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدۇ. مۇئەللىپ مۇنازىرىنى بىردىنلا باشلىماي، ئوقۇغۇچىنى ئەسەر يېزىشقا تۈرتكە بولغان ۋەقە ۋە شارائىت بىلەن تونۇشتۇرىدۇ. ئالدى بىلەن، كېچىسى خارابىلىقتا مەيخورلار ئولتۇرۇشىنى باشقۇرۇۋاتقان پىرنى تەسۋىرلايدۇ. قاتتىق مەست بولغان پىر ئەس - ھۇشىدىن ئايرىلىپ، ئولتۇرۇش ئىشتىراكچىلىرىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ. نەتىجىدە، ناھايىتى كۆپ ئىچىشكەن مەيخورلار ئۇرۇش - جېدەل چىقىرىشىدۇ ۋە ئاخىرى ھەممىسى ئۆلۈكتەك يېتىپ قېلىشىدۇ. ئارقىدىن، ئولتۇرۇشقا ئېلىپ كېلىنگەن سازلار ئۆزئارا مۇنازىرىگە چۈشۈپ كېتىشىدۇ.
ئون يەتتە بابتىن ئىبارەت بۇ مۇنازىرە ئالدى بىلەن تەمبۇردىن باشلىنىدۇ. يالغانچى، ماختانچاق، تۆھمەتخور، ئۇرۇشقاق قاتارلىق سۈپەتلەرگە ئىگە قىلىنىپ جانلاندۇرۇلغان تەمبۇر تەرىپىدىن قاتتىق ئازار يەپ رەنجىگەن باشقا سازلار تەمبۇردىن ئۆزىنى تارتىشىدۇ. سازلارنىڭ شىكايىتىنى ۋە تەمبۇرنىڭ ئۆزىنى ئاقلاشلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، جاڭجالنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشىنىپ يېتىپ، تەمبۇرغا ئۇنىڭ باشقا سازلارسىز كۈن كەچۈرەلمەسلىكى، ئۇلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ياشىشى كېرەكلىكى ھەققىدە مەسلىھەت بېرىدۇ. تەمبۇر مەسلىھەتكە قۇلاق سېلىپ باشقا سازلاردىن ئۆزرە سورايدۇ. تەمبۇر بىلەن باشقا سازلار ئارىسىدا بىرلىك - ئىتتىپاقلىق ئورنايدۇ. شۇ ۋاقىتتا زۇلمەتمۇ يوقىلىپ، تاڭ يورۇيدۇ:
سۈبھى سەھەر ئاشتى سابا يېلىنى،
سۈردى خوتەن خانى ھەبەش ئېلىنى.
بۇ يەردىكى «خوتەن خانى» _ مەشھۇر خوتەن قاشتېشىنىڭ جانلاندۇرۇلۇشى بولۇپ، ئۇ سۈزۈك تاڭغا سىمۋول قىلىنغان.
ئەھمەد مۇنازىرىسىنىڭ تىلى خەلقنىڭ جانلىق تىلىغا ناھايىتى يېقىن. شائىر مۇنازىرىدە «ياخشى»، «يامان»، «بىر نەچچە كاچات يېسەڭ»، «بىھۇدە تالاش»، «بويۇڭ ئۇزۇن بولسىمۇ ئەقلىڭ قىسقىكەن» دېگەندەك جانلىق تىلغا كۆپلەپ مۇراجىئەت قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئەسەر تىلىدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا خاس سۆزلەرمۇ خېلى ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: بىلىك (بىلىم)، ئىلىك (قول)، يەل (شامال) دېگەندەك. ۋەزىن ئېتىبارى بىلەن بۇ ئەسەر تۈركىي خەلق قوشاقلىرى ۋەزنىگە ناھايىتى يېقىن كېلىدۇ.
«سازلار مۇنازىرىسى» يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن يېزىلغان نادىر ئەسەر. ئەھمەد سازلارنى سىمۋوللاشتۇرۇش ئۇسۇلى. ئۆتكۈر يۇمۇرلۇق تىل ۋا ساتىرا ئامىللىرى ئارقىلىق ئىنسانىي خىسلەتلەرگە يات ئىللەتلەرنى، يوغان قورساق خوجىلار، ساراي شائىرلىرىنى ھەجۋىي ئاستىغا ئالىدۇ. ئەھمەد قەلىمى ئاستىدا مەنمەنچىلىك، ئىشقىۋازلىق، ئىغۋاگەرچىلىك، پىتنىخورلۇق، مۇتتەھەملىك، ئۇرۇش - جاڭجال، غەۋغا كۆتۈرۈش قاتارلىق يارىماس ئىللەتلەر قاراڭغۇلۇق مىسالىدۇر. بۇ شۇنداقلا، ئەسەرنىڭ كىرىش قىسمى ۋە خۇلاسە قىسمىدا مەخسۇس قەيت قىلىپ ئۆتۈلىدۇ.
شائىر ئەھمەدىنىڭ قوبۇز، كوڭگۇرە، يوتۇغان قاتارلىق قەدىمكى ئۇيغۇر سازلىرىنى جانلاندۇرۇپ، ئۆز ئەسىرىگە ئىشتىراك قىلدۇرۇشىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەتلىكتۇر.
«سازلار مۇنازىرىسى» ناملىق بۇ مەشھۇر داستاننىڭ 16 - ئەسىردە كۆچۈرۈلگەن بىرلا نۇسخىسى بولۇپ، ئۇ ھازىر لوندوندىكى ئۇلۇغ بېرىتانىيە مۇزېيىدا ساقلانماقتا.
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئەدىب ئەھمەد قازى ئاخۇنۇم 1907 - يىلى مەكىت ناھىيىسىگە قاراشلىق غاز كۆل يېزىسى لايلىق پاختىلىق كەنتى چېكىلىك مەھەللىسىدە خۇدابەردى ھاجىم ئوغلى ئىگەمبەردى ھاجىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.ئانا تەرەپ كېيىن، قەشقەر ھېيتگاھ مەدرىسىدە ئوقوغان. ئۇ بۇ جەريانىدا ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە شەرق ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشۇپ، ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ھەۋەس ۋە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگەن. قەشقەر خانلىق مەدرىسىدە ئوقوۋاتقان نىم شېھىت ئارمىيە داموللام بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان.
ئەھمەدى 1927 - يىلى ئوقوشنى تاماملىغاندىن كېيىن، يۇرتىغا قايتىپ مەكىت ناھىيىسىگە قازى بولغان. ئۇ قەشقەردە ئابدۇقادىر داموللام ۋەكىللىكىدىكى ئىلغار، دېموكراتىك پىكىر ئېقىمىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغانلىقتىن بەزى مەسىلىلەردە يەرلىك فېئودال مۇتەئەسسىپلەر بىلەن كېلىشەلمەي ئاخىرى قازىلقنى تاشلاپ، 1929 - يىلى يەكەنگە بارغان ۋە ئارال قۇمباغدىكى ئابدۇلباقى ھەزرەت مەدرىسىدە مۇدەررىسلىك قىلغان.
1933 - يىلى ئاپرېلدىن كېيىن پۈتۈن شىنجاڭ مىقياسىدا بارلىققا كەلگەن يېڭى مەدەنىيەت - ئاقارتىش ھەرىكىتىدە ئەھمەد قازى ئاخۇنۇم يۇرتىغا قايىتىپ، مەكىت ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ كاتىپلىقىغا ئورۇنلاشقان. جاللات شېڭ شىسەينىڭ 1937 - يىلدىكى باستۇرۇش ھەرىكتىدە ئۇنىڭ ھاياتىغىمۇ جىددىي خەۋپ يەتكەنلىكتىن، ئۇيۇشمىدىكى خىزمىتىنى تاشلاپ، يەركەن، يېڭىسار، پەيزىۋات قاتارلىق جايلاردا يوشۇرۇنۇپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. ئۇ ئىككى يىل سەرگەردانلىق تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، 1939 - يىلى يۇرتى مەكىتكە قايىتپ بېرىپ، شەھەر ئىچىدىكى ئوسمان ھاجىمنىڭ مەدرىسىگە ئورۇنلىشىپ مۇدەررىسلىك قىلغان ھەمدە بىر تەرەپتىن ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ شېئىر يازغان، چەت تىللاردىن بىر قىسىم ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان. ئەدىب ئەھمەد قازى ئاخۇنۇم كېسەللىك سەۋەبى بىلەن 1941 - يىل 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى 36 يېشىدا مەكىتتە ۋاپات بولغان.
شائىرنىڭ ئىجادىيتى قەشقەر ھېيتگاھ مەدرىسىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە باشلانغان بولۇپ، ئۇ ئۆز ھاياتىدا 3800 مىسرادىن ئارتۇق غەزەل، مەسنەۋى، مۇخەممەس، رۇبائىلارنى يازغان. شەيخ سەئىدىنىڭ «گۈلسىتان»، «بوستان» ناملىق ئىككى كىتابىنى ۋە «لوقمان ھېكىمىنىڭ 100 نەسىھىتى» دېگەن ئەسەرنى نەزمى شەكىلدە، مەسنەۋى ئۇسلۇبتا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغاندىن باشقا، زەمەخشەرىنىڭ «نەۋابىغۇل كەلىم» دېگەن كىتابنىمۇ نەزمى شەكىلدە تەرجىمە قىلغان. ئەپسۇسكى، شائىرنىڭ بۇ تەرجىمە ئەسەرلىرى ۋە بىر قىسىم قول يازملىرى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ھەرىكىتىدە كۆيدۈرۈلۈپ تاشلانغان. ساقلىنىپ قالغىنى كۆن خۇرۇمدا مۇقاۋىلانغان، رەتلەنمىگەن ئىككى پارچە دىۋانىدىن ئىبارەت بولۇپ، بىرىنچىسىدە، ئاپتورنىڭ تىل ۋە خۇش خەت قائىدىلىرىگە دائىر ئىككى پارچە ئەسىرى، بىر ھېكمەت، ئالتە پارچە غەزىلى؛ ئىككىنىچىسىدە، مەشرەپ، ھۇۋەيدا، خوجا ھاپىز قاتارلىقلارنىڭ شېئىرلىرى بىلەن ئارىلاش كۆچۈرۈلگەن 19 غەزىلى، تۆت مۇخەممىسى بار.
دىۋانغا كىرگۈزۈلگەن خۇش خەت نۇسخىلىرى، خۇش خەت توغرىسىدىكى قائىدىلەر ۋە بەت ئارىسىغا قىستۇرما شەكلىدە بېرىلگەن رەڭمۇرەڭ گۈل سىزمىلىرىدىن قارىغاندا، ئەھمەد قازى ئاخۇنۇمنىڭ خۇش خەت ۋە رەسىمچىلىككە ئىنتايىن قىزىقىدىغان، بۇ ساھەدە بەلگىلىك ئىقتىدار ۋە ماھارەت ئىگلىگەن، زاماننىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى خەتتات ھەم رەسساملىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
دىۋان ئومۇمەن ئاپتورنىڭ ئىلىم - مەرىپەتكە، ئەدەب - ئەخلاققا، ئىشىق - مۇھەببەتكە بولغان تۈپكى قاراشلىرى بىلەن زامانغا بولغان نارازىلىق كەيپىياتلىرىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان بولۇپ، بۇ مەزمۇنلار تاۋلانغان گۈزەل ئەدەبىي تىل، قايناق شېئىرىي ھېسسىيات، خىلمۇخىل بەدىئىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئوبرازلىق سۈرەتتە بايان قىلىنغان.
مەسىلەن:
كېلىڭلار ياخشى ئوغانلار، ئوقوماق خۇش سائادەتتۇر،
خۇداۋەندىم نەسىب ئەتسە ئىكى ئالەم شەۋرافەتتۇر.
كېچە - كۈندۈز ئەدەب بىرلە كېلىپ مەكتەپتە ئولتۇرساق،
ئەگەر بىلسەڭ بەخت - ئىقبال، سائادەتكە ئەلامەتتۇر.
بىز بۇ مىسرالاردىن شائىرنىڭ بىلىم ئېلىش - مائارىپنى ئۇلۇغ ئىش دەپ بىلىدىغان مەرىپەتپەرۋەرلىك ئىدىيسىنى كۆرىمىز.
دىۋاندا يەنە ئاپتورنىڭ مۇھەببەتكە بولغان ساداقىتى ۋە چىن ئىنسانىي مۇھەببەت ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئىپادىلىگەن شېئىرلارمۇ خېلى ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىكى يارنى سېغىنىش تۇيغۇرلىرى، يار ۋىسالىغا يېتىش ھەققىدىكى ئارزۇلىرى چوڭقۇر ھېسسىيات ئاساسىدا ماھىرلىق بىلەن ئىپادىلەنگەن.
شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، ئەھمەد قازى ئاخۇنۇمنىڭ بەزى شېئىرلىرىدا مەلۇم دەرىجىدە مىستىك ۋە تەسەۋۋۇپچىلىق خاھىشى ئەكىس ئەتكەن بولۇپ، بۇ خىل پاسسسىپ ئامىللار ئاساسەن ئاپتورنىڭ دىنىي تەربىيە مۇھتىدا ئۇزاق مەزگىل تۇرغانلىقى ۋە ئۇ ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي شارائىتنىڭ تەسىرى ئاستىدا شەكىللەنگەندۈر.
ئومۇمەن ئالغاندا، شائىر ئەھمەدى (ئەھمەد قازى ئاخۇنۇم ئەسەرلىرىدە ئۆزىنى شۇنداق ئاتايدۇ) ئەسەرلىرى مەزمۇن جەھەتتىن چوڭقۇر، تىل جەھەتتىن گۈزەل، ئوبرازلىق، ھېسسىيات جەھەتتىن كۈچلۈك بولۇپ، بۇ ئەسەرلەرنى 20 - ئەسىرنىڭ 20 -. 30 - يىللىرىدىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ نەمۇنىلىرى قاتارىدا ھېسابلاشقا بولىدۇ.