UyghurMain Dictionary
ئەھلىي ھەقلىق مەزھىپى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى سىياسىي مەزھەپ بولۇپ، Ⅷ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇمەۋىيە سۇلالىسى (661 - 750) غا قارشى كۈرەش داۋامىدا شەكىللەنگەن. ئاساسلىقى ھەزرىتى ئەلىنى قوللايدىغان شىئە مەزھىپىدىكىلەرنى ۋە شىئە مەزھىپىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشنى مەقسەت قىلغان ئابباسىيە مەزھىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار پەيغەمبەر جەمەتى - ھاشىم جەمەتىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. شىئە مەزھىپى ئىچىدە بۇ ئىككى مەزھەپ ئوتتۇرىسىدا ئىمامغا ۋارىسلىق قىلىش توغرۇلۇق ئىختىلاپ پەيدا بولغان بولسىمۇ، لېكىن، ئۇلار ئۇمەۋىيە جەمەتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇۋېتىشنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇمەۋىيە سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەلىچىلەر كۆپ قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەنلىكتىن، دەھشەتلىك باستۇرۇلدى. بۇ مەزھەپ: ئەلى شەرىئەتكە لايىق خەلىپە ئىدى، ئۇمەۋىيە جەمەتى شەرىئەتكە زىتلىق قىلىپ ھوقۇقنى ئېلىۋالغان، دەپ قاراپ،ل <ھوقۇقنى پەيغەمبەر جەمەتىگە قايتۇرۇش> تىن ئىبارەت ئەھلى ھەقلىق تەرغىبات پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۈچ توپلاپ، پۇرسەت كۈتكەنلىكتىن، شۇداق دەپ ئاتالغان. پەيغەمبەرنىڭ تاغىسى ئابباسنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئاساس قىلغان ئابباسىيلەر ئۇزۇندىن بېرى پۇرسەت كۈتۈپ، شىئە مەزھىپىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش نىيىتىدە بولغان، پەيغەمبەر جەمەتى دېگەندە، ھەزرىتى ئەلى ۋە ئۇنىڭ بىۋاستە تۇغقانلىرى كۆزدە تۇتۇلغان. شۇڭا، ئابباسىيلار <ھوقۇقنى پەيغەمبەر جەمەتىگە قايتۇرۇپ بېرىش> شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شەرىئەتكە لايىق ئورۇنغا ئىگە بولماقچى بولغان. لېكىن، ئابباسىيلار جەمەتى ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىپ، ئابباسىيلار سۇلالىسىنى قۇرغاندىن كېيىن، <ھوقۇقنى پەيغەمبەر جەمەتىگە قايتۇرۇپ بېرىش> توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ئىتتىپاقداش ئەلچىلەرنى باستۇرۇپ، ئاخىر ئىككى مەزھەپنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان. كېيىن ئابباسىيلار ھۆكۈمرانلىرى شەرىئەتكە لايىق ئورنىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن، ئۆزلىرىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئەتكە لايىق ئىزباسارى دېسە؛ يەنە بىر تەرەپتىن، سۈننىي مەزھىپىگە يېقىنلىشىپ، ئابباسىيلار جەمەتىنىڭ تۈپ مەقسىتى ھارامدىن بولغان ئۇمەۋىيە جەمەتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇۋېتىپ، <ئاللانىڭ زېمىندىكى ھۆكۈمرانلىق> ىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بۇ مەزھەپ كېيىن سىياسىي مەزھەپتىن دىنىي مەزھەپكە ئۆزگىرىپ كەتكەن.