UyghurMain Dictionary
ئەھدە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆز ئىختىيارىي بىلەن ئۈستىگە قالغان مەجبۇرىيەت.
<گەپ>، <سۆز>، <لەۋزە> لەر كۆچمە مەنىدىلا <ۋەدە> گە مەنىداش بولىدۇ.
<بەرمەك>، <ئەيلىمەك>، <قىلماق> لار بىلەن پېئىللىشىدۇ.
قۇرۇق ۋەدە قوڭالتاق كەش. ئىككىگە ۋەدە قىلغاندىن بىرنى بەرگەن تۈزۈك. بېرىپسەن ۋەدە، ئەلۋەتتە ۋاپا قىل، ۋاپاسىزلىقنى قەلبىڭدىن جۇدا قىل. پەيمان ئەيلىمەك؛ پەيمان قىلماق. ئەھدىسىدە تۇرمىغان يولدىن ئازار. ئەھدىسىدە تۇرماسلىق كېسەلنىڭ يامىنى. ئەھدۇپەيمانىڭنى ئۇنتۇما. نامەرد گېپىدە تۇرماس. گېپىدە تۇرمىغاندا ئىشەنچ يوق. ئۆزۈڭ سۆزۈڭدە تۇرمىساڭ، ئۆزگىلەرمۇ سۆزىدە تۇرماس. سۆز بەرگەن يۈز بەرمەس، يول كۆرسەتكەن ئوزۇق. لەۋزە قىلغان ئىكەنسەن، لەۋزىڭدىن يانما. لەۋزىدە تۇرۇش ئىنسانىي خىسلەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
پۈتۈشكەن، بىرلىككە كەلگەن قەتئىي سۆز، ۋەدە، لەۋز؛ قارار.
ئەھدە قىلماق. ئەھدىسىدىن چىقماق.