UyghurMain Dictionary
ئەدۇۋ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
دۈشمەن، ياۋ، رەقىپ:
يىقىلدى دەپ زەلىلىنى ئەدۇۋ شا ئولماغىل ھەرگىز،
مەدەدكارى ئانىڭ سۇلتان ساتۇن بۇغرا خانىم بار،
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
دۈشمەن، رەقىب، ياۋ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: يىقىلدى دەپ زەللىنى ئەدۇۋ شاد ئولماغىل ھەرگىز، مەدەدكارى ئانىڭ سۇلتان ساتۇقى بۇغرا خانىم بار.(زەلىلى)
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەنپەئەت توقۇنۇش سەۋەبىدىن بىر - بىرىگە زىت تەرەپ.
دۈشمىنىڭنىڭ دۈشمىنى دوستۇڭ. ئاتا دۈشمىنىنى دوست تۇتما. دوستۇڭنىڭ دۈشمىنى بىلەن دۈشمىنىڭنىڭ دوستى ئوخشاشلا خەتەرلىك. دوستۇڭنىڭ دوستىنى دوست تۇتمىساڭمۇ بولىدۇ. دۈشمىنىڭنىڭ دوستىنى دۈشمەن بىل. ئىت ئېتەكتىن ئالار، ياۋ ياقىدىن. ياۋنىڭ ئېتىمۇ ياۋ.