UyghurMain Dictionary
ئەدەبىي ئاخبارات
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەدەبىي ئەسەرنىڭ بىر تۈرى، ئەدەبىيات - سەنئەتچانلىقى كۈچلۈك ئاخبارات خەۋىرى. ئۇ خەۋەر بىلەن ئەدەبىيلىكى بىرلەشتۈرۈلگەن. تۇڭشۈن بىلەن ھېكايىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدىغان ئەدەبىي ژانىر. <ئەدەبىي> دېيىشتىكى سەۋەپ شۇكى، ئۇ ئىپادىلەش جەھەتتىن ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئىپادىلەش ۋاستىلىرىنى قوللىنىلىدۇ، ئوبرازلىق، تەسىرلەندۈرەرلىك ھالدا تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. <ئاخبارات> دېيىشتىكى سەۋەب شۇكى، تېما جەھەتتىن ئۇ ھەقىقىي ئادەم، چىن ئىشلارنى ئاخبارات سۈپىتىدە خەۋەر قىلىدۇ.
ئەدەبىي ئاخبارات ژانىرى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مەيدانغا چىققان، ئېلىمىزدە ياپونغا قارشى ئۇرۇش دەۋرىدە بىر قەدەر كەڭ ئومۇملىشىپ ھازىرغا قەدەر ناھايىتى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. ئەدەبىي ئاخبارات تۇرمۇشنى تېز ئەكىس ئەتتۈرگەنلىكتىن، تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە ھەقىقىي ئادەم ياكى چىن ئىشلارنى گەۋدىلىك تەسۋىرلەپ نۆۋەتتىكى رېئاللىققا ئۆز ۋاقتىدا ماسلاشقانلىقتىن، ئەدەبىي ئىجادىيەتتە <چەۋەنداز ژانىر> دەپ تەرىپلىنىدۇ.
ئەدەبىي ئاخبارات ئەدەبىيات بىلەن ئاخبارات خەۋىرىنىڭ بىرلىشىشى بولۇپ، رېئال تۇرمۇشتىكى ھەر خىل تىپىك پېرسوناژلار ۋە ئىشلارنى بىۋاستە سۈرەتلەپ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى جىددىي ئېھتىياجلىق مەسىلىلەرنى جىددىي ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە ئۇلارغا جاۋاپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغايدۇ ھەمدە كىشىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى تۇرمۇش ۋە كۈرەشلىرىگە تېخىمۇ ئوبدان قاتنىشىشىدا مەسلىھەت بېرىدۇ، تەربىيىلەيدۇ، رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ. جون رىدنىڭ <دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ئون كۈن>، ئېدگارسنونىڭ <غەربكە سەپەر> ئەسەرلىرى داڭلىق ئەدەبىي ئاخباراتتۇر.
ئەدەبىيات بىلىملىرى
ئەدەبىي ئاخبارات − ھەقىقىي ئادەم - ھەقىقىي ئىشلارنى ئوبراز ياردىمىدە تېز ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئەدەبىي ژانىر. ئۇ ئەدەبىي خاراكتېرلىك خەۋەر، ئوچېرك، تېز يازمىلارنىڭ ئومۇمىي نامى.
ئەدەبىي ئاخباراتنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ئۈچ جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ: بىرى، ئاخبارات خاراكتېرى، يەنە بىرى، ئەدەبىيات خاراكتېرى، ئۈچىنچىسى، سىياسىي مۇھاكىمە (پوبلىستىكا) خاراكتېرى. ئۇ رېئال تۇرمۇشتىكى مۇھىم ئەھمىيەتلىك ۋەقە، ئادەم، ۋاقىت، ئورۇن ياكى تارىخىي پاكىتلارنى ئوقۇرمەنلەرگە تېز، توغرا، ھەقىقىي يوسۇندا يەتكۈزىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئاخبارات خاراكتېرى. لېكىن، ئۇ ئاخبارات قىممىتى بار ئادەم ۋە ۋەقەلەرنى ئەدەبىي شەكىلدە ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك. يەنى پېرسوناژ ئوبرازىنى تەسۋىرلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى، سۇژىت قۇرۇلمىسىنى بەدىئىي تەشكىللەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشى، تىلى ئەدەبىي پۇراققا ئىگە بولۇشى كېرەك. ئەدەبىي ئاخباراتنىڭ مەزمۇنى پۈتۈنلەي ھەقىقىي ئادەم، ھەقىقىي ئىشلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئاپتور بۇ ماتېرىياللارغا زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، كۆزىتىش يوللىرى بىلەن ئېرىشىدۇ، ئەمما ئۇ زىيارەت قىلىپ ئېرىشكەن بۇ ماتېرىياللارنى پىششىقلاپ، ساختىسىنى تاشلاپ راستىنى ئېلىپ تەشكىللىشى، پېرسوناژلار ئوبرازىنى يارىتىشقا كۈچ چىقىرىشى كېرەك. شۇڭلاشقا، بۇ ئەسەر كۈچلۈك بەدىئىي تەسىرلەندۈرۈش قۇدرىتىگە ئىگە بولىدۇ، ئادەتتىكى ئاخبارات خەۋەرلىرىگە ئوخشىمايدۇ.
ئەدەبىي ئاخبارات ئاپتوردىن كۈچلۈك ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولۇشنى، ئۆزىنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىلەر ھەققىدىكى ئېستېتىك ھېسسىياتى، ئېستېتىك نۇقتىئىنەزەرىنى ئەسەرگە سىڭدۈرۈۋېتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاپتورنىڭ ئۆزى كۆرگەن پاكىتلار ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش ھوقۇقى بار. بۇنىڭ بىلەن ئەدەبىي ئاخباراتنىڭ باشقا بىر ئالاھىدىلىكى، يەنى سىياسىي مۇھاكىمە خاراكتېرى شەكىللىنىدۇ.
ئەدەبىي ئاخباراتنىڭ ئاخبارات خەۋىرى ۋە ھېكايە - رومانلاردىن روشەن پەرقى بار. ئۇ گەرچە ئاخبارات خەۋىرىگە ئوخشاش پاكىتلارنى توغرا ۋە تېز ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك بولسىمۇ، ئەمما ئوبيېكتىپ پاكىتلارنى پىششىقلاپ ئومۇملاشتۇرىدۇ، ئاخبارات خەۋەرلىرىدە مۇنداق قىلمىسىمۇ بولىدۇ؛ ئەدەبىي ئاخباراتنىڭ ھېكايە - رومانلارغا ئوخشاش پېرسوناژ ۋە ۋەقەلەرنى تەسۋىرلىشى تەلەپ قىلىنسىمۇ، ئۇنىڭدا ئاپتور پېرسوناژ ۋە ۋەقەلەر ھەققىدە بىۋاسىتە مۇھاكىمە قىلىپ، ئۆز قارىشىنى ئىپادىلىسە بولىدۇ، ھېكايە - رومانلاردا بولسا ئاپتورنىڭ ئۆز قارىشىنى ئوبراز يارىتىش ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرۈشى تەكىتلىنىدۇ، ئاپتور ئادەتتە بىۋاسىتە مۇھاكىمە يۈرگۈزمەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەدەبىيات
رېئال تۇرمۇشتىكى تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە ھەقىقىي ئادەم، ھەقىقىي ئىشلار تېما قىلىنىدىغان، مۇۋاپىق بەدىئىيلەشتۈرۈش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە خەۋەر، ئاخبارات، زىيارەت خاتىرىسى، ئوچېرك قاتارلىقلار.