UyghurMain Dictionary
ئەدەبىيات سەنئەت پىكىر ئېقىمى
Domain: ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى\ 3مەلۇم تارىخىي دەۋردە ئىقتىسادىي ئىسلاھات ۋە سىياسىي كۈرەشنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن مەيدانغا چىققان ئەدەبىيات - سەنئەت ئىدىيىۋى خاھىشى.
ھەر بىر تارىخىي دەۋرنىڭ بىر خىل ئەدەبىيات پىكرى ئېقىمى بولىدۇ. مەسىلەن: ياۋروپادا 16 - 17 - ئەسىرلەردە كلاسسىزم، 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە رومانتىزم، تەنقىدىي رېئالىزم قاتارلىق پىكىر ئېقىملىرى يېتەكچى ئورۇندا تۇرغان.
ئېلىمىزدە <4 - ماي> دەۋرىدە ئىنقىلابىي ئەدەبىيات - سەنئەت پىكىر ئېقىمى مەيدانغا كەلگەنىدى.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.