UyghurMain Dictionary
ئەدەبىياتنىڭ ئىدىيىۋىلىكى
Domain: ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرىبۇ ئەدەبىي ئەسەرلەردە تەسۋىرلەنگەن بارلىق پېرسوناژلار گەۋدىلەندۈرۈلگەن ئىدىيۋى ئەھمىيەتنى كۆرسىتىدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى ئىدىيۋىلىكنىڭ يۇقىرى ۋە تۆۋەنلىك پەرقى بولىدۇ. ئەسەر ئىدىيىۋىلىكىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن بولۇشى ئاپتورنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە ئەسەردە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن تۇرمۇشنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ. يازغۇچىنىڭ دۇنيا قارىشى قانچە ئىلغار بولسا، رېئال تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتىنى ئىپادىلىشىمۇ شۇنچە گەۋدىلىك، چوڭقۇر بولىدۇ، ئەسەرنىڭ ئىدىيۋىلىكىمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ.
پرولېتارىيات ئەدەبىياتى ماركىسىزمنى يېتەكچى قىلىشنى، رېئال تۇرمۇشقا ئاساسەن يۈكسەك ئىدىيىۋىلىك ۋە بەدىئىيلىك ئۆز ئارا بىرلەشكەن ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ خەلقنى كوممۇنىستىك ئىدىيىدە تەربىيىلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.