UyghurMain Dictionary
ئەبۇ سۇفيان
دۇنيا تارىخى
(مىلادى 564 ياكى 565 - 653) ئەرەب مەككە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ يولباشچىسى. قۇرەيىش قەبىلىسى ئۇمەييەلەر جەمەتىدىن كېلىپ چىققان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدە ئىسلام دىنىنى تارقىتىشىغا قارشى تۇرۇپ، ئۇنى مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇرلىغان. ئۇھۇد غازىتى ۋە خەندەك غازاتلىرىدا مەككە قوشۇنلىرىغا قوماندانلىق قىلىپ مۇسۇلمانلار بىلەن جەڭ قىلغان. مىلادى 628-يىلى مۇھەممەد ئەلايھىسسالام بىلەن <ھۇدەيبىيە سۈلھىسى> نى ئىمزالىغان. 630-يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىنى پەتھى قىلغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. ئۇنىڭ ئىككىنچى ئوغلى مۇئاۋىيە كېيىن ئۇمەييە خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان.