UyghurMain Dictionary
ئەبۇل فىدا
دۇنيا تارىخى
(1273 - 1332) ئەرەب تارىخشۇناسى ۋە جۇغراپىيونى. دەمەشقتە تۇغۇلغان. سالاھىدىنلارنىڭ ئەۋلادى. مىسىردىكى مەملۇكلەر سۇلالىسىنىڭ ھاماھ (ھازىرقى سۈرىيىدە) شەھىرىدە قازى بولغان. <دۇنيا تارىخىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى> دېگەن ئەسىرى - ئىبنى ئەسىرنىڭ <تارىخ قامۇسى> دېگەن ئەسىرنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، ئۇنىڭدا 1329-يىلىغىچە بولغان تارىخ داۋاملاشتۇرۇپ يېزىلغان. ئۇنىڭ يەنە <دۆلەتلەرنىڭ ئورنى> دېگەن قىممەتلىك جۇغراپىيە ئەسىرى بار.