UyghurMain Dictionary
ئەبۇ ھۇزەيل ئەللاف
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۇئتەزىلىيەلەرنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى. بەسرەدە دۇنياغا كېلىپ، باغداتتا ياشىدى. ۋاسىل بىننى ئاتانىڭ شاگىرتى. <ئەللاف> (يەم - خەشەك سودىگىرى) دېگەن نام بىلەن مەشھۇر. گرېك پەلسەپىسىنى ئىسلام ئىلمىي تەۋھىدىگە تەسىر كۆرسەتكۈزگەن تۇنجى ئادەم. مۇئتەزىلىيەگە بەش ئاساسىي پرىنسىپىنى تۈزۈپ بەرگەن، بۇ مەزھەپتىكىلەر ئۇشبۇ پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلدى. ئەبۇ ھۇزەيل ئاللانىڭ ئەۋۋىلى يوق. لېكىن، ئاللا ئىرادىسىنىڭ ئەۋۋىلى يوق ئەمەس. ئۇ ئاللانىڭ ئەسلىي زاتى ئەمەس، شۇنداقلا ئاللا خالىغان شەيئىيمۇ ئەمەس. بەلكى ئەۋۋىلى يوق ئاللانىڭ زاتى بىلەن ئاللا ياراتقان ماددىي دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكتىن ئىبارەت، دەپ قارىدى. ئىنساننىڭ ئىرادە ئەركىنلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، خالىغىنىنى قىلالايدىغانلىقىنى، ئىنسان ئىدراكنىڭ ياردىمى بىلەن ئاللانى، ئۆزىنى تونۇيدىغانلىقىنى ھەمدە ياخشى ۋە ياماننى پەرق ئېتىپ، ياخشىلىققا يۈزلىنىپ، يامانلىقتىن خالىي بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.