Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئېدىسون
Domain: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى爱迪生
ài dí shēng
Domain: دۇنيا تارىخى爱迪生
ài dí shēng
(1847 - 1931) ئامېرىكىلىق كەشپىياتچى، كارخانىچى. ئوھىئو شتاتىدىكى دېھقان ئائىلىسىدىن چىققان. 12 يېشىدا گېزىت ساتقۇچى بولغان. ئىلمىي تەجرىبىنى ياخشى كۆرگەن. 1869 - يىلى نيو - يوركقا بېرىپ، پاي چېكى ئەھۋالىنى تېلېگرامما بىلەن مەلۇم قىلىش ئاپپاراتىنى كەشىپ قىلغان. ئىككى ۋە تۆت تېلېگراممىنى بىرلا ۋاقىتتا بېرىدىغان ۋە ئالىدىغان تېلېگرامما سىستېمىسىنى ئىشلەپ چىققان، ئاپتوماتىك تېلېگرامما قوبۇللىغۇچنى كەشىپ قىلغان. 1876 - يلى چوڭ تىپتىكى تەجرىبىخانا قۇرغان. 1877 - 1879 - يىللىرى پاتېفوننى كەشىپ قىلغان، چوغلانغۇچى لامپا ۋە تېلېفوننى پاخشىلىغان. 1882 - يىلى سىغىمچانلىقى ئەڭ كۆپ بولغان دىنام كەشىپ قىلىپ، ئامېرىكا بويىچە تۇنجى مەركىزىي ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرغان. 1883 - يىلى ئىسسىق ئېلېكترون ئېتىلىپ چىقىشى ھادىسىسى يەنى <ئېدىسون ئېففېكتى> نى بايقىغان. ئۇ ھاياتىدا 1300 خىل كەشپىيات پاتنېت ھوقۇقىغا ئىگە بولغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.