UyghurMain Dictionary
ئىدىش
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
قاچا؛ ئىچكۈلۈك ئىچىدىغان كاسە، جام؛ مال - مۈلۈك، بايلىق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەخسۇس ئىشلەنگەن لايدىن خۇمداندا پىشۇرۇلغان قاچىلار.
<ئىدىش> ئومۇمىي نام. چوڭراقى <كۇپ> ئارىراقى <كوزا>، كىچىكرەكى <كومزەك> دېيىلىدۇ.
مايمان ئىدىشنىڭ قاپقىقىمۇ مايماق. كۇپتىكى بېلىقنى تۇتماق ئاسان. كوزا كۈندە سۇنمايدۇ، كۈنىدە سۇنىدۇ. تېگى كۆرۈنمىگەن كومزەكتىن سۇ ئىچمە.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئىدىش، قاچا - قۇچا.
ياغما، توخسى، يەمەك، ئوغۇز، ئارغۇ تىللىرىدا داس، چۆگۇن ۋە لېگەن - تاۋاققا ئوخشاش نەرسىلەرمۇ «ئىدىش» دېيىلىدۇ.
1 - 83
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تۈرلۈك نەرسىلەرنى سېلىپ قويۇش ئۈچۈن سېغىز لايدىن، ئاغزى چوڭ، بېلى يوغان، تۈۋى سەل كىچىكرەك قىلىپ ئىشلەنگەن ئۆي جابدۇقى.
سۇ ئىدىشى. ئاشلىق ئىدىشى.
ئۇ ھۇرۇنلۇق بىلەن ئوچاققا ئوت قالاپ، چاي قاينىتىش ئۈچۈن ئىدىشتىن سۇ ئالماقچى بولدى