Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئېدىنبۇرگ
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر爱丁堡
ài dīng bǎo
ئەنگلىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى شەھەر. شوتلاندىيىنىڭ مەركىزى، ئېدىنبۇرگ فوس قولتۇقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. بۇ شەھەر 617 - يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان. 1329 - يىلى شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان، 1437 - يىلدىن 1707 - يىلغىچە شوتلاندىيە پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى بولغان. ئېدىنبۇرگنىڭ مەيدانى 264 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 500 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئېدىنبۇرگ شوتلاندىيىنىڭ مۇھىم سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ جاينىڭ قەغەز، نەشرىياتچىلىق سانائىتىنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن. ئۇنىڭدىن باشقا كېمىسازلىق، خىمىيە، ئېلېكترون، مېتاللۇرگىيە، ماشىنىسازلىق، ئەينەك، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلىرىمۇ تەرەققىي قىلغان. ئېدىنبۇرگ ئەنگلىيىنىڭ ئاتاقلىق مەدەنىيەت مەركىزى. ئۇ، 18 - ئەسىردە ياۋروپانىڭ مەدەنىيەت، سەنئەت، پەلسەپە، ئىلىم - پەن مەركىزى بولغان. بۇ جايدا 1583 - يىلى قۇرۇلغان ئېدىنبۇرگ داشۆسى قاتارلىق سەككىز ئالىي مەكتەپ، كونا شەھەر خارابىلىرى، چېركاۋلار، خان سارىيى، گۈزەل سەنئەت ئورۇنلىرى ئېدىنبۇرگ پادىشاھ ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى، ھەرخىل خاتىرە مۇنارلىرى، دۆلەتلىك كۇتۇپخانا، مەشھۇر ساياھەت ۋە دەم ئېلىش ئورۇنلىرى بار.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.