Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئېچېۋىرىيە
Domain: دۇنيا تارىخى埃切维里亚
āi qiè wéi lǐ yà
(1805 - 1851) ئارگېنتىنالىق شائىر، يازغۇچى. ياشلىق دەۋرىدە فرانسىيىدە تۇرۇپ، رومانتىزمدىن چوڭقۇر تەسىر ئالغان. ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتىگە ئاكتىپ كىرىشكەن ھەمدە مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلات <ماي جەمئىيىتى> نى ئۇيۇشتۇرۇپ، روساسنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان. كېيىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، چەت ئەلدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان، تا ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۇرۇگۋايدا ئۇزاق ۋاقىت مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. ئۇنىڭ بەش توملۇق ئەسەرلىرى بار. ئاساسلىق ئەسىرى بولغان <ئايال مەھبۇس> دېگەن داستانىدا، ئارگېنتىنا دۆلىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى مەملىكەت ئىچىدىكى مىللىي زىددىيەتلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؛ <قۇشخانا> دېگەن ھېكايىسىدە، روساسنىڭ قانلىق ھۆكۈمرانلىقى پاش قىلىنغان. ئۇنىڭ يەنە <گېتار>، <يىقىلغان پەرىشتە>، <ئىراۋىرا> (<لاپلاتا دەرياسى قىزى> دېگەن نامىمۇ بار)، <جەنۇب قوزغىلاڭچىلىرى>، <ھال سوراش توپلىمى> قاتارلىق شېئىرلىرى بار. ئۇنىڭدىن باشقا <سوتسىيالىزم پرىنسىپلىرى> دېگەن ئەسىرى ۋە <ماي ئىنقىلابىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى> دېگەن تارىخىي ئەسرى قاتارلىقلار بار.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.