UyghurMain Dictionary
ئىچى كۈچلۈك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوڭۇشسىزلىق، يېڭىلىشكە چىداشلىق بېرەلمەيدىغان، ئۇششاق - چۈششەك ئىش - ھەرىكەتكە كۆڭۈل بۆلۈپ تېرىكىپ تۇرىدىغان.
ئىچى كۈچلۈك ئىچىدىن خورايدۇ. دىلى نازۇك دەرد ئىچىدە ياشايدۇ. تاۋى نازۇك تاپ باسماس. سىركىسى سىر كۆتۈرمەيدىغان خېنىم تاش كۆتۈرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
ئىچى ھەممە دەرد - ئەلەمنى سىغدۇرۇپ كېتەلمەيدىغان، ناھايىتى زىل: ئۇ سىرتتىن قارىغاندا ياۋاشتەك تۇرغىنى بىلەن ئىچى كۈچلۈك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىچى ھەممە دەرد - ئەلەمنى سىغدۇرۇپ كېتەلمەيدىغان، ناھايىتى زىل.
ئىچى كۈچلۈك ئېرپان سايىمنى ئەيۋەشكە كەلتۈرەلمىگەنلىكىدىن بىئارام بولاتتى.