UyghurMain Dictionary
ئىچغىندى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قاچۇرۇۋەتتى، ئۆچۈرۈۋەتتى، چىقىرىۋەتتى.
ئول قۇشنى ئەلكىدىن ئىچغىندى _ ئۇ قۇشنى قولىدىن چىقىرىپ قويدى. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ياقاداقى يالغاغالى ئەلكىدەكى ئىچغىنۇر _ ياقىسىدىكىنى يالايمەن دەپ، ئىلكىدىكىدىن ئايرىلىپتۇ. ياقىسىغا يېپىشىپ قالغان ئاشنى يالايمەن دەپ، قولىدىكى ئاياق - تاۋاقلىرىدىن ئايرىلىپتۇ. بۇ ماقال بىرەر نەرسىگە ئىنتىلگەن كىشىنى قولىدا قالغىنىنى ساقلاش ئۈچۈن ئېھتىيات قىلىشقا ئۈندەپ ئېيتىلىدۇ. ئەر ئىچغىندى _ ئادەم «يەل» چىقىرىۋەتتى، يەنى كىشى كۆپ يەردە تۇتالماي «يەل» چىقىرىۋېتىپ، بۇنىڭدىن ئۇيالدى ( ئىچغىنۇر _ ئىچغىنماق).
1 - 336