UyghurMain Dictionary
ئىچ
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1. بىر نەرسىنىڭ ئىچكىرىكى تەرىپى. ئانتونىمى: تاش، سىرت.
ئىچ كۆڭلەك.ئىچى ئات. ئىچكىرىكى ئۆي. * ئىچكى - تاشقى. * تېشى پال - پال، ئىچى غال - غال (ماقال).* ئادەمنىڭ تېشىغاقارىما، ئىچگە قارا (ماقال).
2. قورساق، قېرىن. ئىچى تار، ئىچى كەڭ. * ئىچى سۈرمەك، ئىچى قاتماق، * ئىچگە كىرىپ - چىقماق.* ئىچىدە گەپ ياتمايدۇ. *يەي دېسە چىشى ئاغرىيدۇ، يېمەي دېسە ئىچى (ماقال).* ئىچى ياماننىڭ ئىچىگە ئۇر (ماقال).
3. كۆڭۈل. ئۇ ئىچىدە نېمىلەرنى ئويلاۋاتىدۇ؟ ئىچى كۈچلۈك. * ئىچى يامان، ئىچى قارا.
4. ئارا، ئوتتۇرا. ئۇلار بىزنى ئىچىگە ئالدى. * گەپنىڭ ئىچىدە گەپ بار (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ئىچمەك، ئىچىش. سۇيۇقلۇقنى يۈتماق، سۈمۈرمەك.
سۇ ئىچمەك، چاي ئىچمەك. * ئىچىملىك ئىچمەك. *دورا ئىچمەك. بىر قازاندىن ئاش ئىچكەن. * بىر ئۆستەڭنىڭ سۈيىنى ئىچكەن. * قايناقسۇ ئىچ، كۆڭلۈڭ تىنچ (ماقال). *
مەي ئىچسەك، ئاقلۇدانا بىلەن ئىچ،
ياكى بىر گۈزەك يۈزلۈك رەنا بىلەن ئىچ.
ئاز ئىچ، گاھ - گاھ ئىچ ھەم يوشۇرۇن ئىچ،
ئەزمە رەسۋا بولما، ھايا بىلەن ئىچ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
كۆڭۈل، قەلب، يۈرەك؛ سىر، يوشۇرۇنلۇق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىيىم - كېچەكنىڭ، يوتقان - كۆرپىنىڭ ئىچ تەرىپى.
ئەستىرىدىن پەۋىزى چوڭ. ئىچى تېشىدىن قىلىشمايدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىيىم - كېچەك، يوتقان - كۆرپىنىڭ ئىچ تەرىپىگە تۇتۇلغان رەخت.
ئىچى تېشىدىن ئېسىل. ئەستىرىدىن پەۋىزى چوڭ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدىنىنىڭ بىر قىسمى، ئادەمنىڭ كۆكرەك ئاستىدا، ھايۋاننىڭ توشىنىڭ كەينىدە بولىدۇ.
ئىچى ياماننىڭ رىزقى ئاز. قورساق دېگەن شىرە، يېسە كىرە. قېرىشقاننىڭ قارنى ئاچ. قېرىنداشتىن قارنىم ياخشى. قارنى يامان ھېيتتا ئۆلەر.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ھەر نەرسىنىڭ ئىچى. ئىچ قۇر _(ئورۇمە) ئىشتانباغ. ئىچ سۆز _ كۆڭۈلدىكى يوشۇرۇن سۆز، ئىچ گەپ.
1 - 49
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئىچ ئەت، جىگەرگە يېپىىپ تۇرىدىغان نىپىز گۆش.
1 - 50
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. ئىچىكى بوشلۇق.
ئۆينىڭ ئىچى. زالنىڭ ئىچى. ماشىنىنىڭ ئىچى.
ئى. نەرسىلەرنىڭ ئىچكى بۇيۇم ئېلىنىدىغان قىسمى.
باش يېرىلسا بۆك ئىچىدە، قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە (ماقال).
ئى. نەرسىلەرنىڭ ئىچكى قىسمى، ئارىسى.
تاۋۇزنىڭ ئىچى. خېمىرنىڭ ئىچى. ناننىڭ ئىچى.
ئى. ئاشقازان، قارىن، قورساق، مەيدە.
كۆكتاتلار بەدەنگە سۇيۇقلۇق يەتكۈزۈش، ئىچىنى بوشىتىش خىزمىتىنىمۇ ئۆتەيدۇ.
ئى. كۆچمە. كىشىنىڭ ئىچكى، روھىي دۇنياسى؛ كۆڭۈل، يۈرەك، دىل، قەلب.
يەي دېسە چىشى ئاغرىيدۇ، بېرەي دېسە ئىچى ئاغرىيدۇ (ماقال).
ئى. يېقىن كىشىسى، يات بولمىغان كىشىلەر، ئۇرۇق، جەمەت.
ئون ئۇيغۇرلار ئون چوڭ ئېقىن بويىغا، توققۇز چوڭ سۇ ئېقىن بويىغا جايلىشىپ، ئىچىلىرىدىن بىردىن خان سايلاپ ھايات كەچۈرۈشكەن.
ئى. بىرەر دائىرىدىكى كەڭلىك.
مەھەللە ئىچى دېگەن مەھەللە - دە، ئويۇن - كۈلكىسى بىللە، تەڭتۇش قىز - يىگىتلەرنىڭ كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇشلىرى بولۇپ تۇرىدۇ.
ئى. مەلۇم ۋاقىتنى ئۆز دائىرىسىگە ئالغان ۋاقىت.
كېيىنكى بىر قانچە كۈن ئىچىدە موماينى بىر قېتىممۇ كۆرەلمىدىم.
ئى. بىر توپ ئادەم ياكى نەرسىلەر ئارىسى.
ئادەملەرنىڭ ئىچىدىن بىرى ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى.
سۈپ. بىرەر نەرسىنىڭ ئىچىدە تۇرىدىغان، ئىچىدە بولىدىغان.
ئىچ كۆڭلەك. ئىچ ئات.
ئورۇن كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن كېلىپ <ئىلكىدە> دېگەن مەنىنى ئاڭلىتىدۇ.
ئالىم ئاكا مىننەتدارلىق سۆزى سۆزلىدى، خۇشاللىق، ئالقىش، كۈلكە، چاقچاق، تەنتەنە، ئۈمىد، ئىستەكلەر ئىچىدە <ئەدەبىيات كېچىسى> ئاخىرلاشتى.