UyghurMain Dictionary
ئىبرەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىبرەت، ساۋاق؛ نەسىھەت؛ ئۆرنەك:
خەلايىق سېنىڭدىن ئالىپ ئىبرەتى،
تەنىڭغە كىچىك - چوڭ ئوقۇر زەجرەتى.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىر ھال ياكى بىر ۋەقەنى كۆرۈپ ساۋاق ئالماق، ئىبرەتلەنمەك، ئۆرنەك ئالماق: ئىبرەت خىش - ئىبرەت بەرگۈچى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بولغان ۋەقە، ھادىسە، ئىش - ھەرىكەتتىن ئېلىشقا تېگىشلىك تەجرىبە، ئۈلگە.
ئۆزگىدىن ئىبرەت ئالمىغاندىن باشقىلار ئىبرەت ئالار. نادان سۆزلەر، دانا ئىبرەت ئالار. ھايات ساۋاقلىرىنى قىلالمىسا ياد، ئۇنى ئۆگىتەلمەس ھېچقانداق ئۇستات. ئاچچىق تەجرىبە - كۈچلۈك ساۋاق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كىشىلەر ئۈلگە ئېلىشقا بولمايدىغان، ساقلىنىش ئۈچۈن ساۋاق بولىدىغان ئىش - ھەرىكەت، ۋەقە، ھادىسە.
ئىبرەت ئالماق. ئىبرەت قىلماق.