Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئىبنى خورتادبى
Domain: دۇنيا تارىخى伊本.库达特拨
yī běn .kù dá tè bō
(تەخمىنەن 820 - 912) ئەرەب جۇغراپىيونى. پېرسىيەلىك، خوراساندا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا باغدادتا تەربىيە ئالغان. ئابباسىيلار خاندانلىقى جىبال ئۆلكىسى (ھازىرقى ئىراننىڭ غەربىي شىمالىدا) پوچتا ۋە ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان، كېيىن پايتەخت ساماررا (368 - 892 - يىللىرى پايتەخت بولغان) ۋە باغدادنىڭ پوچتا ۋە ئاخبارات باش ئىدارىسىنىڭ بىرىنچى باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلۈپ، دائىم خەلىپە ئوردىسىغا كىرىپ - چىقىپ تۇرغان.ئاساسلىق ئەسىرى <يوللار ۋە بەگلىكلەر> (ياكى <يوللار ۋە بەگلىكلەر تەزكىرىسى> دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ) نى ھۆكۈمەت ئارخىپىنى ئاساس قىلىپ يېزىپ چىققان، ئەسەردە ئابباسىيلار خاندانلىقىنىڭ ئۆلكىلىرىدىكى ئۆتەڭلەر، ئۇلارنىڭ نامى، ئارىلىقى خاتىرىلەنگەن؛ ئەسەر تارىخىي ماتېرىيال قىممىتىگە ئىگە. ئۇنىڭدىنكى جۇڭگونىڭ دېڭىز پورتلىرىغا بارىدىغان يوللار ھەققىدىكى خاتىرىلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ قاتناش تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا پايدىسى بار. يەنە مۇزىكا توغرىسىدا بىرمۇنچە مەخسۇس ماقالىلەرنى يازغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.