Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئىبنى سىنا
دىنى سۆزلۈكلەر
ئىسلام دىنى
阿维森纳(伊本·西那)
ā wéi sēn nà (yī běn ·xī nà )
دىنى سۆزلۈكلەر
ئىسلام دىنى
伊本·西那
yī běn ·xī nà
دۇنيا تارىخى
伊本.西拿
yī běn .xī ná
(980 - 1037). ياۋروپالىقلار ئاۋىسېننا دەيدۇ، مەشھۇر تىببىي ئالىم ۋە پەيلاسوپ. <ھەكىملەر شاھى> دەپ نام ئالغان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇخارا ئەتراپىدىكى ئېفسېن يېزىسىدا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا تىبابەتچىلىك ۋە پەلسەپە ئۆگەنگەن، سامانىلار خاندانلىقى ھۆكۈمرانىنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتقانلىقتىن، خانلىق كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتابلارنى كۆرۈشكە يول قويۇلغان. سامانىلار خانلىقى يوقىتىلغاندىن كېيىن، خارەزىم، ھەمەدان، ئىسپاھان قاتارلىق جايلاردا تۇرغان. ئەسەرلىرىدىن بەش توملۇق <تىبنامە> بولۇپ، مەزمونى بەكمۇ مول، ئۇ قەدىمكى يۇنان ۋە ئەرەب تىبابەتچىلىكىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن، تىبابەتچىلىك ئېنسكلوپېدىيىسى دەپ نام ئالغان. ئۇ بۇرۇنقىلارنىڭ تىبابەتچىلىكتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى سىستېمىلىق يەكۈنلەپلا قالماستىن، بەلكى ئىچكى كېسەللىكلەر ئىلمىي ۋە دورىگەرلىكمۇ بېيىتقان ھەمدە تەرەققىي قىلدۇرغان. ⅩⅡ ئەسىردە، <تىبنامە> لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، غەرب تىبابەتچىلىكىنىڭ قىبلىنامىسى بولۇپ قالغان، تاكى ⅩⅦ ئەسىرگىچە ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتلىردا دەرسلىك قىلىپ قوللىنىلغان. ئۇنىڭ پەلسەپىسى ئىدىيىسى فارابىنىڭكىگە مايىل بولۇپ، ئارىستوتىل ۋە يېڭى ئەپلاتونىزمنىڭ تەسىرىنى چوڭقۇر قوبۇل قىلىپ، ماتېرىيالىزم بىلەن ئىدېئالىزم ئوتتۇرىسىدا تەۋرىنىپ تۇرغان، غەربىي ياۋروپا مەدرىس پەلسەپىسىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن <تىببىي قانۇن> قاتارلىق پەلسەپىۋى ئەسەرلىرى بار.