Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئىبنى مەيمۇن
دۇنيا تارىخى
伊本.马蒙
yī běn .mǎ méng
(1135 - 1204) ياۋروپالىقلار مايمۇنىدېس دەپ ئاتايدۇ. ئەرەب - يەھۇدىي پەيلاسوپى. مېدىتسىنا ئالىمى. كوردوۋا (ئىسپانىيىدە) دا تۇغۇلغان. مۇۋاھىد خانلىقىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، 1165 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە قاھىرەگە قېچىپ بارغان. مىسىر سۇلتارنى سالاھىددىنىڭ ئوردا تىۋىپى ۋە قاھىرە يەھۇدىيلار باش ئۇيۇشمىسىنىڭ بىرىنچى باشلىقى بولغان. <ئاداشقانلارنى توغرا يولغا سېلىش> دېگەن ئەسىرى بولۇپ، بۇنىڭدا يەھۇدىي دىنىنىڭ دىنىي ئەقىدىلىرى بىلەن ئەرەب پەلسەپىسىدىكى ئارىستوتېلىزم، ئېتىقاد ۋە ئەقىلنى كېلىشتۈرمەكچى بولغان. ئاتوم تەلىماتىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئالەمنىڭ يارىتىلىشى تەلىماتىنى قۇۋۋەتلىمىگەن. ئەسەرلىرى يەھۇدىي پەلسەپىسى ۋە غەربىي ياۋرۇپا مەدرىس پەلسەپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن، تىبابەتچىلىككە دائىر ئەسىرىدىن <تىبابەتچىلىكنىڭ مۇھىم مەزمۇنى> دېگەن ئاساسلىق ئەسىرى بار.