UyghurMain Dictionary
ئىبنى يۇنۇس
دۇنيا تارىخى
(1950 - 1008) ئەرەب ئاسترونومى. فاتىمە خاندانلىقىدا رەسەتخانا باشلىقى بولغان. ماياتنىكنى كەشىپ قىلىپ، ئۇنىڭ تەۋرىنىشى ئارقىلىق ۋاقىتنى ھېسابلىغان. شۇ چاغدا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىۋاتقان ئاسمان جىسىملىرى كالېندارىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، <ھاجىم كالېندارى> نى تۈزۈپ چىققان ۋە بۇ ئۆلچەم قىلىنىپ، 200 نەچچە يىل قوللىنىلغان. مىلادى 977 - 979 - يىللىرى قاھىرە رەسەتخانىسىدا كۈن تۇتۇلۇشنى ئىككى قېتىم ئەمەلىي ئۆلچەپ چىققان ھەمدە ئۇنى تۇنجى قېتىم ئىلمىي ھالدا خاتىرىگە ئالغان.