UyghurMain Dictionary
ئېبلا پادىشاھلىقى
دۇنيا تارىخى
غەربىي ئاسىيادىكى قەدىمىي دۆلەت. سۈرىيىنىڭ شىمالىغا توغرا كېلىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرى ⅩⅩⅣ - ⅩⅩⅢ ئەسىرلەردە خېلى روناق تاپقان. مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى كىشى، مالى قاتارلىق نۇرغۇن شەھەرلەر بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادىي ئالاقە باغلىغان، ئۇلارنىڭ پۇل - مال قاتارلىق ئولپانلىرىنى قوبۇل قىلغان. پايتەختى ئېبلا. ئاققاد پادىشاھلىقى (مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبى) پادىشاھى سارگون Ⅰ بىلەن ئۇزاققىچە ئۇرۇش قىلغان، بەزىدە يېڭىپ، بەزىدە يېڭىلگەن. كېيىن نارام سىن (سارگوننىڭ نەۋرىسى) تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان، شەھەر ۋەيران قىلىۋېتىلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅩ ئەسىردە قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ، يېقىن ئەتراپتىكى كەڭ رايونلارنى بويسۇندۇرغان، ئېبلادا ھەيۋەتلىك خان ئوردىسى ۋە ئىبادەتخان سالغان. مىلادىدىن 1800 يىل ئىلگىرى كۆچمەن قەبىلە بولغان ئامورىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئاجىزلاشقان. ئېبلانىڭ پادىشاھى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن. مۇددىتى يەتتە يىل بولغان؛ پادىشاھ ئېبولىئۇم (مىلادىدىن ئىلگىرى ⅩⅩⅣ ئەسىردە سارگون بىلەن بىللە ياشىغان) 28 يىل تەختتە تۇرغان، ئۇدا تۆت قېتىم ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇشى مۇمكىن، ئىبادەتخان نۇرغۇن يەر، چارۋا مال ۋە ئەمگەكچىلەرگە ئىگە بولغان، ئاھالە ئىبادەتخانىدا پاناھلانغان، ئېبلا مەدەنىيىتى قەدىمكى ھېبرې ۋە ئىككى دەريا ۋادىسى مەدەنىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان. 1964 - يىلدىن بۇيان، ئىتالىيە ئارخېئولوگىيە ئەترىتى سۈرىيىنىڭ ئالېپپو ئۆلكىسىدىكى ماردىكدا (ئېبلا شەھىرى جايلاشقان جاي) ئوردا، ئىبادەتخانا ۋە ئوردا ئارخىپ ئامبىرىنى قېزىپ چىققان، ئارخىپ ئامبىرىدا 15 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق مىخ يېزىقلىق سېغىز بەت ساقلانغان بولۇپ، ئۇلار غەربىي ئاسىيانىڭ قەدىمكى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر سېغىز بەتتىكى يېزىقلاردىن ھازىرغىچە بىر قىسمىلا تەرجىمە قىلىپ چىقىلدى.