Chinese→UyghurMain Dictionary
鸭嘴兽
بىئولوگىيە
ئۆردەكتۇمشۇق
ئېمىتكۈچىلەر سىنىپىنىڭ بىر تۆشۈكلۈكلەر ئەترىتى، ئۆردەكتۇمشۇق ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ھازىرقى ئەڭ ئىپتىدائىي ئېمىتكۈچى ھايۋان. بەدىنى دومىلاقراق ياپىلاق، باش ھەم تەن ئۇزۇنلۇقى 30 ~ 45 سانتىمېتىر، قۇيرۇق ئۇزۇنلۇقى 10 ~ 15 سانتىمېتىر، يېتىلگەن چاغدىكى بەدەن ئېغىرلىقى 5.0 ~ 2 كىلوگرام، ئەركىكى چىشىسىدىن سەل چوڭراق بولىدۇ. پۈتۈن بەدىنى زىچ ئۆسكەن قارا - قوڭۇر قىسقا تۈكلەرگە قاپلانغان، قۇرساق قىسمىنىڭ رەڭگى سۇسراق تۈكلىرى پارقىراق، قۇيرۇقى كەڭ - ياپىلاق بولۇپ، ئۈزگەندە رول ئورنىدا پايدىلىنىدۇ. تۆت پۇتى قىسقا، ھەر قايسىسى بەش بارماقلىق، بارماقلىرى ئارىسىدا پەردىلىرى بولىدۇ. تۇمشۇقى ئۇزۇن بولۇپ، ئۆردەك تۇمشۇقىغا ئوخشايدۇ. سىرتى مۈڭگۈز ماددىلىق غىلاپقا ئورالغان. كۆزى كىچىك، يېتىلگەنلىرىنىڭ چىشى، قۇلاق سۇپرىسى يوق، كلوئاكا بوشلۇقى بار. بەدەن تېمپېراتۇرىسى 26 - 35 سىلتسىيە گرادۇس ئارىلىقىدا بولۇپ، ئادەتتە مۇھىتقا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئاۋسترالىيىنىڭ شەرقىي قىسمى ۋە تاسمانىيىدىكى ئۆستەڭ ھەم كۆللەرنىڭ ياقىلىرىدا يېرىم قۇرۇقلۇق يېرىم سۇدا ماكانلىشىپ ياشايدۇ، ئادەتتە ئالدى پۇتىنى قوزغىتىپ ئۈزىدۇ. ئەركىكىنىڭ كەينى پۇتىنىڭ يالىڭاچ قىسمىدا زەھەر دوكۇرى بولۇپ، زەھەر بېزىگە تۇتاشقان. دۇكۇرىنى باشقا ھايۋانلارغا سانجىپ ئۇلارنى زەخىملەندۈرۈپ ئۆلتۈرەلەيدۇ. راك، قۇلۇلە، سەدەپ قاتارلىقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، ئوزۇقلىنىش مىقدرى كۆپ. ھەر يىلى 10 ~ 11 - ئايلاردا كۆپىيىدۇ، كامار كولاپ ئۇۋا ياسايدۇ. سۇدا چېتىشىدۇ، 1 ~ 3 تۇخۇم سالىدۇ. تۇخۇمدىن چىققان بالىسى ئانىسىنىڭ قورساق قىسمىدىكى سۈت بېزىدىن ئاجرىلىپ چىققان سۈت بېزىنى يالاپ ئوزۇقلىنىپ تۆت ئايدىن كېيىن مۇستەقىل ھايەت كەچۈرۈشكە باشلايدۇ. ئۆمرى 10 ~ 15 يىلدىن ئاشىدۇ. ئۆردەكتۇمشۇق بىر خىل ئەتىۋارلىق ھايۋان بولۇپ، يەر باغىرلىغۇچىلارنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە. ئېمىتكۈچى ھايۋانلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىم دەلىلى ھېسابلىنىدۇ. ئېنگېلس ئۆز ئەسىرىدە ئۇنى مىسال قىلىپ تەبىئەت دۇنياسىنىڭ تەرەققىي قىلىش ۋە ئۆزگىرىش جەريانىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەنىدى.
ئۇنىۋېرسال
yā zuǐ shòu
ئۆردەك تۇمشۇق