Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئازىنكۇر جېڭى
Domain: دۇنيا تارىخى阿金库尔战役
ā jīn kù ěr zhàn yì
ئەنگلىيە - فرانسىيە يۈز يىللىق ئۇرۇشىدىكى مۇھىم جەڭ. 1415-يىلى 8-ئايدا، ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرىخ Ⅴ فرانسىيە ئورلېئا گۇرۇھى بىلەن بورگوند گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئىچكى ماجىرادىن پايدىلىنىپ، تەخمىنەن ئالتە مىڭ كىشىلىك قوشۇن (بەش مىڭ ئوقياچى، ئېغىر ساۋۇت - قالقانلىق مىڭ پىيادە ئەسكەر) نى باشلاپ سېنا دەرياسى ئېغىزدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، نورماندىيىنى ئىشغال قىلىپ، ئارقىدىنلا كالېغا يۈرۈش قىلغان. ئورلېئان گېرتسوگى تەخمىنەن 30 مىڭ كىشىلىك قوشۇن <ئېغىر ساۋۇت - قالقانلىق رىتسارلار ئاساس قىلىنغان> نى باشلاپ جەڭگە چىققان. ئىكى دۆلەتنىڭ قوشۇنى كالېنىڭ جەنۇبىغا 140 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى ئازېنكۇر ئەتراپىدا جەڭ قىلغان. فرانسىيە مەغلۇپ بولۇپ، تەخمىنەن ئالتە مىڭ ئادىمى ئۆلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئەنگلىيە ئارمىيىسى جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ پارىژ ۋە لوئېر دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ رايونلارنى ئىشغال قىلغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.