UyghurMain Dictionary
ئازادلىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدە ئۆز ئىرادىسى بويىچە ھەرىكەت قىلىش؛ «ئازادلىق» بىزدە كونا ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاننى كۆرسىتىدۇ.
ئەركىنلىكنى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، ئەمما سېتىۋەتكىلى بولىدۇ. جان كەتسە كەتسۇن، ئەركىنلىك كەتمىسۇن. مەنىۋى ئازادلىق _ باشقا بارلىق ئازادلىقنىڭ ئاساسى. ھايات ھەممىدىن قىممەت، ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھەببەت، كېچىمەن ھەر ئىككىسىدىن، ئەركىن - ئازادلىق ئۈچۈن پەقەت. ھۈرىيەت، مۇساۋات، ئادالەت ياۋروپا دېموكراتلىرىنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى ئۇلۇغ شوئارى ئىدى. ھۈرىيەتنى ھېچكىم ساڭا سوۋغا قىلمايدۇ، ئۆزۈڭ تاپ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەركىن - ئازاد ھالەت.
دېدەكلىك، قۇللۇق، ئەركسىزلىك
قۇل - دېدەك ھالەت.
ھۆرلۈكنى ھېچكىم ساڭا سوۋغا قىلمايدۇ. مەنىۋى ئازادلىق - ھەممە ئازادلىقنىڭ ئاساسى. ھايات ھەممىدىن قىممەت، ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھەببەت، كېچىمەن ھەر ئىككىسىدىن، ئەركىن - ئازادلىق ئۈچۈن پەقەت. قۇللۇقتا ياشىغاندىن ئەركىنلىك ئۈچۈن جەڭ قىلىپ ئۆلگەن ئەلا. ئەڭ چوڭ بەختسىزلىك - ئەركسىزلىك. دېدەك قىز دېدەكلىك دەردىنى تارتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئازاد بولغان، ئازادلىققا ئېرىشكەن ھالەت؛ ھۆرلۈك، ئەركىنلىك.
سوتسىيالىستىك جەمئىيەتتە ئاياللارنىڭ ئازادلىقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش ئەلۋەتتە جىنايەت بولىدۇ.
مەملىكىتىمىزدە گومىنداڭ ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ۋاقىت.
- ئازادلىقتىن بۇرۇن نېمە ئىش قىلغاندىڭىز؟ - دەپ سوراپتۇ قۇربان شۇجى نامان تاغىدىن.
كونا دىنىي مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇش ۋاقتى ئاخىرلىشىشىدىن بۇرۇن قويۇپ بېرىش.