UyghurMain Dictionary
ئائىشە
دۇنيا تارىخى
(614 - 678) ئىسلام دىنىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچىنچى خوتۇنى. <مۇسۇلمانلارنىڭ ئانىسى> دەپ ئاتالغان. ئەبۇ بەكرىنىڭ قىزى. مەككىدە تۇغۇلغان. توققۇز يېشىدا مەدىنىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ياتلىق قىلىنغان. خەلىپە ئوسمان ئەلەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ مەدىنە ئاقسۆڭەكلىرى تەرىپىدىن ھىمايە قىلىنىپ، قارشى گۇرۇھتىكىلەرنىڭ باشلىقى بولۇپ، ھەزرىتى ئەلىگە قارشى تۇرغان. مىلادى 656-يىلى تۆگە غازىتىدا ھەزرىتى ئەلى قارشى گۇرۇھتىكىلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، ئائىشەنى ئەسىر ئېلىپ، مەدىنىگە قايتۇرۇپ كەلگەن. مەدىنىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئايشەم، ئايشەمخان، ئايشىگۈل، ئايشىخان، ئايشىقىز، ھاشىخان، ھاشىگۈل، ھاشىقىز
① ياخشى تۇرمۇش، ② چىداملىق، ③ ئائىشەدەك ئايال