Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئاخۇندوۋ
دۇنيا تارىخى
阿洪多夫
ā hóng duō fū
(1812 - 1878) ئەزەربەيجان يازغۇچىسى، پەيلاسوپى. ياش ۋاقتىدا چېركاۋنىڭ تەربىيىسىنى ئالغان. تەرجىمان ۋە مۇئەلىم بولغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى ئىجادىيىتىنى باشلىغان. «باتانىك مۇسئى ژوردان ۋە دەرۋىش ماستالى شاھ»، «مەككىدە ھەج قىلغان كارا»، «بېخىلنىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتىسى» قاتارلىق ئالتە پارچە كومېدىيە، «ئالدانغان يۇلتۇز» ناملىق پوۋېست، «ھىندىستان شاھزادىسى كېمال ئۇد دۇفېلنىڭ پېرسىيە شاھزادىسى جالال ئۇد دۇفېلغا يازغان ئۈچ پارچە خېتى ۋە پېرسىيە شاھزادىسى جالالنىڭ جاۋاب خېتى» قاتارلىق پەلسەپە ماقالىلىرىنى يېزىپ ئەزەربەيجاندىكى فېئودال پاترىئارخاللىق تۈزۈمىنىڭ گۇمران بولغانلىقىنى ۋە مۇستەبىت پادىشاھنىڭ زوراۋانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ھەمدە ئەزگۈچىلەرنى زورلۇق كۈچ بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى تەشەببۇيس قىلغان. پەلسەپە جەھەتتە ماتېرىيالىزملىق ماھىيىتىنى پاش قىلغان. ئېستېتىكا جەھەتتە <نوقۇل سەنئەت> نەزەرىيىسىگە قارشى تۇرغان.