UyghurMain Dictionary
ئاخو
دۇنيا تارىخى
(1861 - 1921) فىنلاندىيە يازغۇچىسى. ئەسلى ئىسمى يۇھاننېس بروفېلد. يېزا پوپى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. خېلسىنكى ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. روسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى «ياش فىنلاندىيە» ھەرىكىتىگە قاتناشقان. مۇخبىر بولغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى دەسلەپتە رېئالىزمغا مەنسۇپ بولۇپ، كېيىن رومانتىزمغا بۇرالغان. شەرق بىلەن غەرب ئىدىيىسىنىڭ توقۇنۇشىنى تەسۋىرلەپ، بۇرژۇئا مەدەنىيىتىنىڭ ساختىلىقىنى پاش قىلغان. فىنلاندىيىنىڭ ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئەدەبىياتىغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «تۆمۈريول»، «پوپنىڭ قىزى»، «پوپنىڭ ئايالى»، «غېرىبلىق»، «ئەسلەش» قاتارلىقلار بار.