Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئاخماندۇ
دۇنيا تارىخى
阿赫马杜
ā hè mǎ dù
(1833 - 1898) تۇككوللىرى پادىشاھلىقىنىڭ سۇلتانى (1864 - 1893). ئۆمەرنىڭ ئوغلى. 1864-يىلى ئاتىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ، پادىشاھلىقنىڭ پارچىلىنىپ كېتىش ۋەزىيىتىنى ئوڭشىغان. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ بېشىدا، ئاتىسىنىڭ فرانسىيىگە قارشى كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرغان، كېيىن فرانسىيە بىلەن ھامىيلىق قىلىش شەرتنامىسىنى ئىمزالىغان، لېكىن مۇستەقىللىكنى يەنىلا ساقلاپ قالغان. 1889-يىلى فرانسىيە ئىككى قېتىم ھۇجۇم قىلىپ، سېگو قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىۋېلىپ، مېسسىناغا چېكىنىشكە مەجبۇر قىلغان. 1893-يىلى مېسسىنا قولدىن كەتكەندىن كېيىن، ئاخماندۇ قوشۇنىنى باشلاپ شەرقىي قىسىمدىكى رايونلارغىچە بېرىپ قارشىلىق كۆرسەتكەن. 1896-يىلى سوكودودا ئولتۇراقلىشىپ، شۇ جايدا ئۆلۈپ كەتكەن.