Chinese→UyghurMain Dictionary
亚细亚生产方式
دۇنيا تارىخى
ئاسىياچە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى
ماركس <سىياسىي ئىقتىساد> قا تەنقىدىي سۆز بېشى< (1859) دا تۇنجى قېتىم >ئاسىياچە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى< دېگەن ئۇقۇمنى، يەنى >ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئاسىياچە قەدىمكى، فېئوداللىق ۋە ھازىرقى بۇرژۇئازىيچە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرىنى ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ھالەتنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىدىكى بىر نەچچە دەرس دەپ قاراشقا بولىدۇ.< (>ماركس - ئېنگېلس تاللانما ئەسەرلىرى< 1987-يىل نەشرى، 2-توم 139-بەت) دېگننى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭدىن بۇرۇن، >ئىقتىسادشۇناسلىق قول يازمىلىرى< (1857 - 1858) نىڭ >كاپىتالىستىك ئىشلەپقىرىشتىن ئىلگىرىكى ھەرخىل شەكىللەر< دېگەن قىسمىدا، ماركس >ئاسىيا< نىڭ بۇنداق>مۈلۈكچىلىك شەكىللىرى< نى خېلى كۆپ بايان قىلغان. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ئاسىيانىڭ كۆپلىگەن ئاساسىي شەكىللىرىدە يەرنى جامائەت ئورتاق ئىگىلەيدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق پايدىلىنىدۇ، جامائە ئۈستىدە تۇرغان ئومۇمىي بىر پۈتۈن گەۋدە بولسا يەرنىڭ ئەڭ ئالىي ياكى بىردىنبىر ئىگىسى ھېسابلىنىدۇ؛ جامائەتنىڭ بەزى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى باج - سېلىق شەكلى بىلەن ئومۇمىي بىر پۈتۈن گەۋدىگە تاپشۇرۇلىدۇ، قالغان قىسمى بىلەن دېھقانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىنىڭ چەكلىك تۇرمۇش ئىستېمالى قامدىلىدۇ؛ جامائەت دائىرىسىدە قول سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكى زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، ناتۇرال ئىگىلىك ئۇزاققىچە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدۇ؛ جامائە ئۈستىدە تۇرغان مۇستەبىت ھۆكۈمەت (يەنى ئومۇمىي بىر پۈتۈن گەۋدە) سۇ ئىنشائاتى، سۇغىرىش ۋە باشقا جامائەت ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ. بۇلاردىن باشقا، ماركس بىلەن ئېنگلېس باشقا ئەسەرلىرى ۋە خەت - چەكلىرىدە >ئاسىياچە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى< ياكى >ئاسىياچە مۈلۈكچىلىك شەكلى< ئۈستىدىمۇ توختالغان. ئاسىياچە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئالاھىدىلىنى قانداق چۈشىنىش، ئۇنىڭ زادى قايسى ئىجتىمائىي فورماتسىيىگە ياتىدىغانلىقى، تارىختىكى بىر نەچچە خىل ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ تەرەققىياتىدا قانداق ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى مەسىلىلەر «ئاسىياچە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى مەسىلىسى»نى تەشكىل قىلىدۇ. مۇشۇ ئەسىرنىڭ 20-، 30-يىللىرى ۋە 60-يىللىرىدىن بۇيان، خەلقئارادا ۋە جۇڭگو ئىلىم ساھەسىدە كەڭ مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، جامائەتنىڭ پىكرى بىردەك بولمىدى. ئاسىياچە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ زادى قايسى ئىجتىمائىي فروماتسىيىگە ياتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى مەسىلىدە، تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە مۇھىم قاراش بار: (1) ئىپتىدائىي جامائە تۈزۈمى دەيدىغان قاراش. يەنى ئىنسانىيەت تارىخىي تەرەققىياتى مۇقەررەر بېسىپ ئۆتكەن ئىپتىدائىي جامائە تۈزۈمىدىكى جەمئىيەتنى، سىنىپىي جەمئىيەتتىن بۇرۇنقى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى جامائە مۈلۈكچىلىكى دەپ قاراش؛ (2) يېزا جامائەسى دەپ قاراش ياكى باشلانغۇچ فورماتسىيە (ئىپتىدائىي جامائەنىڭ كېيىنكى مەزگىلى) دىكى يېزا جامائەسى دەپ قاراش ۋە ياكى قۇللۇق تۈزۈمى شارئىتىدا ئانتاگونىيىلىك خاراكتېر ئالغان كەنجى باشلانغۇچ فورماتسىيىسىدىكى يېزا جامائەسى دەپ قاراش؛ (3) ئالاھىدە ئىجتىمائىي فورماتسىيە دەپ قاراش، يەنى ئادەتتە ئېيتىلغان بەش خىل ئىجتىمائىي فورماتسىيىسىنىڭ سىرتىدىكى ئالاھىدە ئىجتىمائىي فورماتسىيە ياكى قۇللۇق جەمئىيىتىدىن بۇرۇنقى بىر خىل ئالاھىدە سىنىپىي جەمئىيەت ياكى قۇللۇق تۈزۈم بىلەن يانچىلىق تۈزۈمنىڭ ئارىلاشما تىپىدىكى شەرق جەمئىيىتى ۋە ياكى ئىپتىدائىي جەمئىيەت، قۇللۇق جەمئىيىتى ۋە فېئودالىزم جەمئىيىتى دەپمۇ ھېسابلانمايدىغان بىر خىل ئالاھىدە شەرق ئىجتىمائىي فورماتسىيىسى دەپ قاراش؛ (4) قۇللۇق جەمئىيىتى؛ ياكى فېئودالىزم جەمئىيىتىنىڭ ئۆزگەرگەن تۈرى دەپ قاراش ياكى شەرقنىڭ ئىپتىدائىي جامائە تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرى ساقلىنىپ قالغان دەسلەپكى قۇللۇق جەمئىيىتى، ياكى يۇنان ۋە رىمنبىڭ قەدىمكى قۇللۇق جەمئىيەتلىرىدىن ۋە ياۋروپانىڭ فېئودالىزم جەمئىيىتىدىن پەرق قىلىدىغان شەرقچە قۇللۇق جەمئىيىتى ياكى فېئودالىزم جەمئىيىتى دەپ قاراش. ئاسىياچە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ دەۋرى ۋە جۇغراپىيىلىك ئورنى توغرىسىدا، بەزىلەر پەقەت قەدىمكى زاماننى ياكى ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتى پارچىلانغاندىن كاپىتالىزمنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىگىچە بولغان شەرق جەمئىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەپ قارىسا، بەزىلەر «ئاسىياچە» دېگىنى جۇغراپىيىلىك نام ئەمەس، بەلكى دۇنيا تارىىىغا ئاساسەن ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، ئابستراكسىيىلەشتۈرۈلگەن سۈپەت سۆزى، ئۇ بارلىق مەدەنىي مىللەتلەر ئۆز تارىخىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بىر باسقۇچىنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارايدۇ؛ «ئاسىياچە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى» دېگەن ئاتالغۇنىڭ ماركس، ئېنگېلس ئەسەرلىرىدىكى ئۆزگىرىش مەسىلىسى توغرىسدا ياكى بۇ ئاتالغۇ باشتىن - ئاخىر ئېنىق، زادى ئۆزگەرمىگەن دەپ قارايدۇ ياكى دەسلىپىدە ئالاھىدە جەمئىيەتنى كۆرسەتكەن، كېيىن پەن - تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، مۇستەقىل ئىجتىمائىي فورماتسىيە سۈپىتىدىكى ئاسىياچە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى مەۋجۇت ئەمەس، دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن، ھەتتا ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن بۇ ئاتالغۇ شاللىۋېتىلدى دەپ قارايدۇ. ئاسىياچە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى مەسىلىسى ئۈستىدىكى مۇھاكىمە مۇھىم نەزەرىيىۋى ۋە ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ مۇھاكىمە قىلىنىۋاتىدۇ.
تارىخ
yà xì yà shēng chǎn fāng shì
ئاسىياچە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى