Chinese→UyghurMain Dictionary
雅西和约
دۇنيا تارىخى
ياسى سۈلھ شەرتنامىسى
1787 - 1179 - يىللاردىكى روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشىنى ئاياغلاشتۇرغان سۈلھ شەرتنامە. روسىيە بىلەن تۈركىيە 1792 - يىل 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ياسىدا ئىمزالىغان. شەرتنامە بويىچە، ئىككى دۆلەتنىڭ زېمىنى دىنېستر دەرياسىنى چېگرا قىلغان؛ قىرىم ۋە جەنۇبىي بۇگ دەرياسى بىلەن دىنېستر دەرياسىنىڭ ئارىلىقىدىكى كەڭ جايلار روسىيىگە تەۋە بولغان؛ ئۇرۇش جەريانىدا روسىيە قوشۇنى ئىشغال قىلىۋالغان مولداۋىيە ۋە ۋالاخىيە يەنە تۈركىيىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن.