UyghurMain Dictionary
ئاۋىس خاندانلىقى
دۇنيا تارىخى
پورتۇگالىيىدىكى فېئودال خاندانلىق (1385 - 1580). ئاۋىس رىتسارلار پولكىنىڭ سەردارى جۇئان قۇرغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇ خاندانلىق ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە پورتۇگلىيە تەدرىجىي ھالدا كىنەزلىك تۈزۈمدىن پادىشاھلىق مۇستەبىت تۈزۈمگە ئۆتكەن. بۇ دەۋرىدىكى كورۇللا ۋە ئۇلارنىڭ تەختتە ئولتۇرغان يىللىرى مۇنداق: جۇئان Ⅰ (12385 - 1433)، دۇئارت (1433 -1438)، ئالفونسو 5 (1438 -1481)، جۇئان 2 (1481 - 1495)، مائۇئېل Ⅰ (1495 - 1521)، جۇئان 3 (1521 -1557)، سېباستىئان (1557 - 1578)، ھېنرى (1578 -1580)، 1580-يىلى ئىسپانىيە كورۇلى فىلىپ Ⅱ پورتۇگلىيە پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋالغان. ئاۋىس خاندانلىقى ئاياغلاشقان.