Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئاۋراڭزېب
دۇنيا تارىخى
奥瑞纳文化
ào ruì nà wén huà
(1618 - 1707)، ئەۋرەڭزىپ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھىندىستان موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانى (1658 - 1707). شاھ جاھاننىڭ ئۈچىنچى ئوغلى. دېكاننىڭ باش ۋالىيىسى بولغان. 1658-يىلى دادىسىنى ئاگرادا تۇتقۇن قىلغان ھەمدە ئاكىلىرىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، پادىشالىق تەختىنى تارتىۋالغان. ئۇ ئۆزىنى <دۇنيانى بويسۇندۇرغۇچى> دەپ ئاتىۋالغان. ئۇ ئىسلام دىنى سۈننىي مەزھىپىنىڭ تەقۋادار مۇرىتى بولۇپ، ھىندى دىنىدىكى فېئوداللار بىلەن ئۆتكۈر زىددىيىتى بولغانلىقتىن، ھىندى دىنىنىڭ مۇرىتلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان سىياسەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ھىندى دىنىنىڭ ئىبادەتخانلىرىنى بۇزۇۋېتىش، ھىندى دىنىنىڭ بايراملىرىنى چەكلەش قاتارلىق پەرمانلارنى چۈشۈرگەن. ھۆكۈمرانلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە دۆلەت ۋەزىيىتى تۇراقلىق بولغان؛ كېيىنكى مەزگىلدە خەلق قوزغىلاڭلىرى ئۈزلۈكسىز يۈز بەرگەن، چات قەبىلىسىنىڭ قوزغىلىڭى، شىك مۇرىتلىرىنىڭ قوراللىق قارشىلىقى، راجپۇتلارنىڭ ئاسىيىلىقى ئىمپېرىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئېغىر زەربە بەرگەن. جەنۇبتا يېڭىدىن گۈللەنگەن، سىۋاجى رەھبەرلىكىدىكى ماراتا دۆلىتى بىلەن ئۇزاق ۋاقىت سوقۇشقان. 1686 - 1687-يىللىرى بىجاپۇر ۋە گولكوندا پادىشاھلىقلىرىنى ئىستېلا قىلىپ، زېمىنى بىر مەزگىل ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئەمما ئۇزاق مۇددەت ئۇرۇش قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن، دۆلەت كۈچى زو دەرىجىدە ئاجىزلىشىپ كەتكەن، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئىمپېرىيە تەدرىجىي ھالدا زاۋاللىققا يۈزلەنگەن.