Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئاتېلىستان
Domain: دۇنيا تارىخى阿瑟尔斯坦
ā sè ěr sī tǎn
(895 - 940) ئەنگلىيە كورۇلى (924 - 940). سېسىسېكس كورۇلى ئېدۋارد (؟ - 924) نىڭ ئوغلى. ياش ۋاقتىدا مېزىيە ئوردىسىدا تۇرمۇش كەچۈرگەن. تەختكە چىققان چاغدا دانىيە رايونىنى قايتۇرۇۋېلىپ، شوتلاندىيە ۋە ۋېلىسنى بويسۇندۇرۇپ، برىتانىيە ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆزىنى «برىتانىيىلىكلەرنىڭ كورۇلى» دەپ ئاتىغان. ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يەر ئىگىلەپ، قورۇقلارنى قۇرۇپ، دېھقانلارنى قۇل قىلىشىغا يول قويۇپ، سىنىپىي زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرگەن. مىلادى 930-يىلى ئەركىن كىشىلەر بىر خوجايىنغا قاراشلىق بولۇشى كېرەك دەپ پەرمان چۈشۈرگەن ئاھالىلەرنىڭ دەۋا ئىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر ياقلىق قىىشىغا، دەۋا ھەققى ۋە جەرىمانە ئېلىشىغا يول قويغان. تاشقى جەھەتتە گېرمانىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خان جەمەتى بىلەن قۇدا بولۇشقان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.