UyghurMain Dictionary
ئاتىلىق ئانىلىقى ئايرىم يېتىلىش
بىئولوگىيە
ئوخشاش بىر گۈلدىكى ئاتىلىق بىلەن ئانىلىقنىڭ ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتتا يېتىلىش ھادىسىسى. بۇنىڭدا كۆپ ساندىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئاتىىقى ئالدىدا، يېتىلىدۇ، گۈل چېڭى تارقالغاندا، ئوخشاش گۈلنىڭ ئانىلىقى ۋاقتىنچە ئۇرۇقلانمايدۇ. مەسىلەن، ئاپتاپپەرەس، كۆممىقوناق، بۆلجۈرگەن، مالىنا قاتارلىقلار. بەزىلىرىنىڭ ئانىلىقى ئالدىدا يېتىلىدۇ؛ گۈل چېڭى تارقالغان ۋاقتىدا ئانىلىق قورۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇرۇقلانمايدۇ. مەسىلەن، زىراۋەندە، پاقىيوپۇرمىقى. بۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چەتتىن چاڭلىشىشقا ماسلىشىش، ئۆزىدىن چاڭلىنىشتىن ساقلىنىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى.