UyghurMain Dictionary
ئاتلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىككى پۇتنى كۈچەپ، بەدەننى تۇرغان ئورۇندىن بىردىنلا ئايرىماق.
يىراققا سەكرەش، ئېگىزگە سەكرەش. «سەكرە» دېگەننىڭ ئايىقى سۇنماس، سەكرىگەننىڭ سۇنار. ئالغا ئاتلا ئاۋايلا، كەينىڭگىمۇ باق، قارا. بىر تاقلاپلا ئاسمانغا چىققىلى بولماس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چۈشىدە جىنسىي قوزغىلىشتىن مەنى كەلمەك.
ئەرلەرنىڭ بەزىدە چۈشىدە شەيتان ئاتلىشى، يەنى ئېھتىلام بولۇشى نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە، لېكىن كۆپ قېتىم بولۇش كېسەللىك ئالامىتى، نېرۋا ئاجىزلىقى، جىنسىي كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك. داۋالىنىش كېرەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
دەسسىمەي ئىككى پۇت ئارىسىدا قالدۇرۇپ ئۈستىدىن ھالقىپ ئۆتمەي، ئارتىلىپ ئۆتمەك؛ سەكرىمەك.
ئۇ بوسۇغىدىن ئاتلاي دەپ تۇرۇشىغا، بىر قىزنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
قەدەم ئالماق، قەدەم تاشلىماق.
ئاياغ ئاتلىمىسا، باش يۈگۈرمەيدۇ (ماقال).
قالدۇرۇپ، تەگمەي ياكى مەلۇم قىسمىنى تاشلاپ ئۆتۈپ كەتمەك.
ناھىيە ئاتلاپ ئوقۇماق. سىنىپ ئاتلىماق.
مەن خەتنى ئاتلاپ ئوقۇدۇم. خەتنىڭ ئاخىرىدا ئاجايىپ سۆزلەر بار ئىدى.
ئېشىپ ئۆتمەي.
ياۋۇز تەختنى گۇم ئەيلەپ، داۋانلار ئاتلىغان باتۇر، بېشىغا ياغسىمۇ ئوقلار. ئارقىغا يانمىغان باتۇر.