Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئاتلانت مايمۇنسىمان ئادىمى
Domain: دۇنيا تارىخى阿特拉猿人
ā tè lá yuán rén
مايمۇنسىمان ئادەمنىڭ تاشقا ئايلانغان سۆڭىكى. 1954-يىلى فرانسىيىنىڭ قەدىمكى جانلىقلار بىئولوگى ئارامبۇرگ ئالجىرىيىنىڭ تېرنىفېن دېگەن يېرىدىن مايمۇنسىمان ئادەمنىڭ ئۈچ پارچە ئاستىنقى ئېڭەك سۆڭىكى، بىر پارچە چوققا سۆڭىكى ۋە توققۇز تال چىشىدىن ئىبارەت تاشقا ئايلانغان سۆڭىكىنى تاپقان. ئۇنىڭ تۈزۈلۈشى يوغان، ئېڭەك قىسمى ئارقا تەرىپىگە يىغىلغان، ئاستىنقى ئېڭىكى تۆۋەن ۋە كەڭ بولۇپ، ياۋا ئۆرە ماڭىدىغان مايمۇنسىمان ئادىمىگە ۋە بېيجىڭ مايمۇنسىمان ئادىمىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سېنت ئاشېل دەۋرىدىكى پالتا قاتارلىق تاش قوراللارمۇ تېپىلغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.