UyghurMain Dictionary
ئاتەشناك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئوتلۇق، يالقۇنلۇق، قىزغىن: كۆچمە م: يارنىڭ لېۋى.
قىزىل مەي.
مېھىر ئەمەس، مەشئەل يارۇتقان قەلئەنى ئەفلاكدىن،
كىم فەلەككە سالدى ئوت رۇخسارى ئاتەشناكدىن.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئوتلۇق، يالقۇنلۇق، قىزغىن: ئاتەشناك ئىشىق - قىزغىن مۇھەببەت، كۆچمە مەنىسى: لەئلى ئاتەشناك - سۆيۈملۈك يارنىڭ لېۋى؛ قىزىل مەي.