UyghurMain Dictionary
ئاتەش
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئوت.
ئانىڭدەك بولدى بۇلبۇل زار غەمكەش،
تۈشۈپ گۈل ھۆسنىدىن جانىغا ئاتەش.
خىرقەتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆيۈش جەريانى، جىسىم كۆيگەن چاغدا چىقىدىغان نۇر، يالقۇن.
ئوتى بار ئۆيگىلا ئوت كېتەر. ئۆز ئۆيۈڭدە ئوتۇڭغا باق، خەقنىڭ ئۆيىدە ئاغزىڭغا. پەرۋانە ئاتەشتىن ھۇزۇر تاپسا گەر، كۆيسىمۇ ھېچقاچان قىلمايدۇ ھەزەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئوت، يالقۇن؛ نۇر.
<يېڭىئاۋات>نىڭ قۇم بارخانلىرى ئاتەشتەك قىزىق ئىدى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئوت، ئائەش، گۈلخان؛ قىزىققان كىشى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئوت، ئاتەش، ئاتەشتەك كىشى.