UyghurMain Dictionary
ئاتالا دېۋى مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ھىندىستاندىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى شىمالىي شىتاتتىكى جەۋىبوردا. بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ھىندى دىنىدىكى ئىلاھ ئاتالانىڭ بۇتخانىسى بولۇپ، ئۇنى سۇلتان فىروز شاھ تۇغلۇق (؟ - 1388 ) 1377 - يىلى چاقتۇرۇۋېتىپ، ئورنىغا مەسچىت سالدۇرغان. مەسچىت ئوتتۇرا ئاسيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بىناكارلىق ئۇسلۇبى بويىچە سېلىنغان. مەسچىتنىڭ ئالدىدا چاسا شەكىلدىكى چوڭ ھويلا بار. ئاساسىي بىنا شەرقىي جەنۇب قىسمىغا سېلىنغان بولۇپ، تۈۋرۈكلۈك زال، ئۇنىڭ ئىككى تەرىپى نامازخانىدىن ئىبارەت بولۇپ، كۆلىمى تۈۋرۈكلۈك زالدىن سەل كىچىك. ئاساسىي بىنانىڭ ئىككى تەرىپىگە بىر - بىرىگە قارىتىپ تۈۋرۈكلۈك كارىدورسېلىنغان. تۈۋرۈكلۈك كارىدور ئىككى قەۋەت بولۇپ، ھەر قەۋەتتە تۈۋرۈك ئارىسىغا بەشتىن زال سېلىنغان. ئۇلار ئەگرى ئىشىكلەر بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. پۈتۈن مەسچىتنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك قىسمى مەسچىت ئالدىدىكى تۈۋرۈكلۈك زالنىڭ مۇنار ئىشىكى بولۇپ، ئىشىكنىڭ ئېگىزلىكى 22.86 مېتىر، كەڭلىكى 16.76 مېتىر كېلىدۇ. مۇنار ئىشىكىدىن كىرگەندە غايەت چوڭ مېھراب بولۇپ، شۇ يەردىن چوڭ زالغا كىرگىلى بولىدۇ. چوڭ زالنىڭ دەرىزىلىرى ئەگمە شەكلىدە. مۇنار ئىشىكىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىر دىن ئەگمە ئىشىك بولۇپ، بىر - بىرىگە قاراپ ئېچىلىدۇ. ئۈچ ئىشىكنىڭ ئۈستىدە گۈمبەز بار. پۈتكۈل بىنادا ماسلاشقان تۈس كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.