UyghurMain Dictionary
ئاتا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . بالىغا نىسبەتەن ئۆزىنى تاپقان كىشى، دادا، ئاپا، ئاۋا.
ئاتا - ئانا، ئاتا - بالا، ئاتاڭغا رەھمەت، ئاتاڭغا لەنەت. * ئاتا بولمىغان ئاتا قەدىرىنى بىلمەس (ماقال). * ئاتا كەمچىلىكى ئەمەس، لاتا كەمچىلىكى ئەمەس، لاتا كەمچىلىكى (ماقال).
2 . ئەجداد. ئاتا كەسپى، ئاتا - بوۋا، ئاتام زامان، ئاتام ئېيتقان بايىقى. * ئاتىلار سۆزى _ ئۆزۈڭنىڭ كۆزى (ماقال).
3 . ئاتا يوللۇق كىشى. ئاتا تۇتماق، ئاتا بولماق، قىيىن ئاتا، ئۆگەي ئاتا. * بۇ كىشىنى مەھەللىمىزدىكى ھەممەيلەن «ئاتا» دېيىشىدۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ئاتىماق، ئاتاش. ئاتا قىلماق، بېغىشلىماق، تەقدىم قىلماق، بەخشەندە قىلماق، بەرمەك.
ۋەتەن يولىدا جېنىمنى ئاتىدىم. * بەرىكە تاپ، ساڭا ئوغۇل ئاتا قىلسۇن. * بۇنى سىزگە ئاتاپ ئالدىم. * ئاتىسا ئىلىمگە كىمكى بېشىنى، شامالدىن يۈرگۈزەر تۈگمەن تېشىنى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ئاتىماق، ئاتاش.
ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ ئېتىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەرنى «ئىسىم» دەپ ئاتايمىز. * ئۇنى بالىلارنىڭ ھەممىسى «چوڭ دادا» دەپ ئاتىشىدۇ. * قاغىنىڭ ئېتىنى ئاتىغانغا بۈركۈت قورقمايدۇ (ماقال).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بالا تاپقان، بالىلىق بولغان ئەر كىشى. «ئاۋا» لوپنۇر دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ. «پەدەر» ، «ۋەلىد» لەر ئەرەبچە، كلاسسىك ئەدەبىياتتا ئۇچرايدۇ، ھازىر ئومۇمەن ئارخائىزمغا ياتىدۇ.
ئادەم ئاتا؛ ئاتىلار سۆزى؛ دۆلەت ئاتىسى؛ ئاتا مىراس؛ ئاتاڭغا رەھمەت؛ ئاتاڭغا لەنەت؛ ئاتاڭ ئايلانسۇن؛ ئاتا يوللۇق؛ ئاتىدارچىلىق؛ ئاتا تۇتماق؛ ئاتا بولماق؛ ئاتام زامان؛ ئاتام ئېيتقان بايقى؛ ئاتا كۆرگەن؛ ئانا كۆرگەن؛ ئاتام ئوغۇل بالا دەپ تاپقان. ئاتامنىڭ بالىسى بولماي كېتەي. ئات بولمىغان ئاتا قەدىرىنى بىلمەس. ئاتا كەمچىلىكى ئەمەس، لاتا كەمچىلىكى. ئاتا دۈشمىنىنى ئۆزۈڭگە دوست تۇتما. دادامغا يوق پۇرچاق ئانامغا نەدە؟ پەدەر ھايات بېرىدۇ، ئۇستاز نىجات بېرىدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئاتاساغۇل - تېۋىپ
1 - 117
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
①دادا، ئاتا؛ ② ئاتاش، ئاتىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بالىلىق ياكى بالىسى بار ئەر كىشى.
ئۆز ئاتا. ئۆگەي ئاتا.
ئاتىسى ئاتالمىغان قوڭغۇزنى. بالىسى ئېتىپتۇ توڭگۇزنى (ماقال). ئاتا بولماي ئاتا قەدرىنى بىلمەس (ماقال).
يېشى چوڭ كىشىلەرنى ھۈرمەتلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ئاتىلار سۆزى - ئەقىلنىڭ كۆزى (ماقال).
كۆچمە. بىرەر ئىش - ھەرىكەتنى باشلاپ بەرگەن، ئۇنىڭغا ئاساس سالغان ياكى شۇ ئىش - ھەرىكەتنى باشقۇرىدىغان ھۈرمەتلىك كىشى.
لوقمان - دىنىي رىۋايەتلەردە تېبابەتنىڭ بىرىنچى ئاتىسى، دەرىجىدىن تاشقىرى ماھىر ھۆكۈما دەپ قارىلاتتى.
بەزى رايونلاردا ئۈچىنچى شەخس ئىگىلىك قوشۇمچىسى ( - سى) قوشۇلغاندا خوتۇنلارنىڭ ئۆز ئېرىنى ئاتاپ چاقىرىشىنى بىلدۈرىدۇ.
ھەي ئاتىسى. جۈمە ۋاقتى بولۇپلا قالدى، - دېدى ئۇ خوتۇن ئېرىگە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
<قىلماق> پېئىلى بىلەن كېلىپ <نېسىپ قىلماق، بەخش ئەتمەك، ئىنئام قىلماق، بەرمەك> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
بەڭۋاشلىقىمنىڭ ئاخىرىدا ماڭا ئاتا قىلغان يۈرىكىمنى زىدە قىلغۇچى ھەدىيىلەرنى كۆرۈپ، ئۆتكەن ھاياتىمغا ئۆكۈنۈشكە باشلىدىم.
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، زۇردۇن سابىرنىڭ رومانى بولۇپ، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپدىن 1994 - يىلى 4 - ئايدا نەشرقىلىنغان. روماندا، مەلۇم ناھىيدىكى ئىجتىمائىي ئورنى، تەسىرى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى ھەممىدىن يۇقىرى بولغان ھاجىم ئائىلىسىنىڭ، تېخىمۇ توغرىراقى ھاجىم جەمەتىنىڭ تۇرمۇشى، مۇناسىۋەتلىرى، ھەر خىل سىياسىي - ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى جانلىق، تەسىرلىك، تۇرمۇش تەپسىلاتلىرى ئارقىلىق يېزىلغان بولۇپ، رومان ۋەقەلىكى، روماندىكى پېرسۇناژلار ئارقىلىق دەرۋرىمىز رېئاللىقى، مۇشۇ دەۋر كىشلىرىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشى، روھىي دۇنياسى، ياخشىلىقلىرى ۋە ئىللەتلىرى كۆپ تەرەپلەردىن بەدىئىي يوسۇندا سۈرەتلەنگەن. كۆرۈنۈشتە شۇنچە مۇستەھكەم، شۇنچە ئىتتىپاق، شۇنچە تەسىرى چوڭ بۇ جەمەتنىڭ ئىچكى قىسىمىدا تۈگىمەس زىددىيەتلەر، ھەتتا قارىمۇقارشىلىقلار، پەسكەشلىكلەر ھەمدە ياخشىلىق، رەزىللىك بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. جەمەت باشلىقى ھاجىم بۇ جەمەتنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، تەسىرىنى كۈچەيتىش، ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. ھاجىمنىڭ تىرىشچانلىقى بەزىدە رول ئويناپ، بەزىدە نەتىجىسىز بولۇپ چىقىدۇ. روماندا ھاجىم، تۇردى كېرەم، قاسىم قۇربان، ئابلا يانتاق، نەمرۇت، قۇددۇس، گۈلناز، مۇللا سوپى قاتارلىق پېرسۇناژلارنىڭ ئوبرازى ناھايىتى جانلىق يارىتىلغان، ئۇنىڭ ھەممىسى تىل، خاراكتېر جەھەتلەردە روشەن خاسلىققا ئىگە قىلىنغان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
دادا، ئاتا؛ ئاتىماق؛ تەربىيىچى
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئاتا، بىرنەسىلنىڭ ئۆتمۈشتە ئۆتكەن ئاقساقىلى. قولى ئوچۇق، ياردەم، ئېھسان قىلىش مەنىسىدە،
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
ئاتام، ئاتاق، ئاتەك
دادا، ئاتا، ئاتا بولغۇچى، ئاتام (بۇ ئىسىمدىمۇ <ئاتا> ئۇلۇغلانغان)