Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئاسېۋېدو دىئاس
Domain: دۇنيا تارىخى阿塞维多.迪亚斯
ā sāi wéi duō .dí yà sī
(1851 - 9211) ئۇراگۋاي يازغۇچىسى. كۆپ خىل گېزىت - ژۇرناللارنى تەسىس قىلغان ھەمدە تەھرىرلىگەن. <دېموكراتىيە>، <جۇمھۇرىيەت>، <دەۋر> قاتارلىق گېزىت - ژورناللارنىڭ مۇھەررىرى بولغان. سىياسىي كۈرەشكە ئارىلاشقانلىقتىن كۆپ قېتىم قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. پارلامېنت ئەزاسى ۋە ئۇراگۋاينىڭ ئامېرىكا، كۇبا، ئارگېنتىنا، برازىلىيە، پاراگۋايدا تۇرۇشلۇق تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسى بولغان. ئەسەرلىرىنى قېچىپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىدا يازغان بولۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللىي تۈسكە ئىگە. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن ئۇراگۋاينىڭ مۇستەقىللىك كۈرىشى تېما قىلىنغان تارىخىي ترىلوگىيە <قانغا مەدھىيە> (يەنى <ئىسمىل>، <يەرلىك ئايال>، <شانلىق سادا>) ۋە تۆپىلىكتە ياشىغۇچى چارۋىچىلار باش قەھرىمان قىلىنغان رومانى <يەككە - يېگانىلەر> قاتارلىقلار بار.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.