Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئاسۋاگوسا
دۇنيا تارىخى
马鸣
mǎ míng
مىلادى Ⅰ ئەسىردىن Ⅱ ئەسىرگىچە قەدىمكى ھىندىستاندىكى ماھايانا بۇددا دىنىنىڭ مەزھىپىنىڭ نەزەرىيىچىسى ۋە شائىر. سراۋاستى بەگلىكىدىكى ساكېتا شەھىرىدە تۇغۇلغان. براخمان تەبىقىسىگە مەنسۇپ. ئۇ، كۇشانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى كانىشكا بىلەن زامانداش، راھىب بولغاندا بۇددا دىنىغا يات ئەقىدىگە ئېتىقاد قىلغان. كېيىن بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، پارسۋانىڭ شاگىرتى بولۇپ قالغان پاراسەتلىك بولۇپ، مۇھاكىمە قىلىشقا ماھىر ئىدى. ئېيتىشلارقارىغاندا، دۈشمەن ئۈستىدىن كۈچلۈك شامال خازانلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىغاندەك غەلىبە قىلالايدىكەن. پادىشاھ كانىشكانىڭ قوغدىشى ئارقىسىدا، ماھايانا بۇددا دىنىنى تەرەققىي قىلدۇرغان، پارسۋا، شىيو قاتارلىق ئوستلار بىلەن بىرگە كۇشانىيە ئوردىسىغا پات - پات كىرىپ چىقىدىكەن. <بۇدداكارىتا - كاياسۇترا>، <ماھايانا سوترالانكا راتىكا> قاتارلىق مۇھىم خەنزۇچە تەرجىمە ئەسەرلىرى بار. شېئىر يېزىشقا، كۈيگە ئۇستا. سانسكرىت يېزىقىدا (<مادخۇرانەندا> ناملىق داستان ۋە <سارىپۈترانىڭ سەپىرى> )پەقە پارچىسىلا ساقلىنىپ قالغان( دراما ئەسەرلىرىنى يازغان. يازغان مۇزىكىلىرى كىشىنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈرىدۇ. بىراق بۇ مۇزىكىلار يوقىلىپ كەتكەن. <ماھايانا سروددوتپا داساسترا> نىمۇ ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ يازغانىكەن.
,