Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئاستىنقى تاڭلاي
Domain: بىئولوگىيە下颚
xiàè
(1) بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلارنىڭ ئوزۇق تۇتۇش ئورگىنىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى. ئۇ <كىچىك تاڭلاي> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۈزۈلۈشى ئۈستۈنكى تاڭلايغا قارىغاندا مۇرەككەپ. قاسىراقلىقلاردىن جۈپ راك، سۇ بۈرگىسى قاتارلىقلارنىڭ ئىككى جۈپ ئاستىنقى تاڭلىيى بولىدۇ؛ ھاشاراتلارنىڭ بىر جۈپ ئاستىنقى تاڭلىيى بولۇپ ئۇنىڭ تىپىك تۈزۈلۈشى ئوق بوغۇم، غول بوغۇم، سىرتقى تاڭلاي ياپرىقى، ئىچكى تاڭلاي ياپرىقى ۋە ئاستىنقى تاڭلاي بۇرۇتچىسى قاتارلىق بەش قىسىمدىن تۈزۈلگەن. ئۇنىڭ ئۈچ قىسمى قاتتىقراق بولۇپ بىرقانچە ئۆتكۈر چىشلارنى شەكىللەندۈرگەن. ھاشاراتلارنىڭ ئاستىنقى تاڭلىيىنىڭ ھەرخىل فۇنكسىيىلەرگە ماسلىشىش نەتىجىسىدە شەكىل ئۆزگىرىشى كۆپرەك بولىدۇ، مەسىلەن، پاشىنىڭ ئاستىنقى تاڭلىيى يىڭنە شەكلىگە ئۆزگەرگەن، ھەسەل ھەرىسىنىڭ ئاستىنقى تاڭلىيى ئالاھىدىلىشىپ سۇيۇق ھالەتتىكى ئوزۇقلۇقلارنى سۈمۈرىدىغان تۈزۈلۈشكە ئايلانغان. (2) ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ ئۈستۈنكى تاڭلاي سۆڭىكى <ئۈستۈنكى جاغ> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.