UyghurMain Dictionary
ئاشۇرا خاتىرىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ خاتىرە كۈنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھىجرىيە 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى (ئاشۇرا كۈنى) خاتىرىلەيدۇ. ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئوغلى ھۈسەين 806 - يىلى شۇ كۈنى ئۇمەييە سۇلالىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەنلىكتىن شىئە مەزھىپى بۇ كۈننى ھۈسەيننىڭ مۇسىبىتىنى خاتىرىلەش كۈنى قىلىپ بېكىتكەن. بۇۋەيھىيە سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانى مۇئىز ئەددەلە (دۆلەتنىڭ قوللىغۇچىسى دېگەن مەنىدىكى سۆز بولۇپ، 945 - يىلىدىن 967 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) باغداتتا بۇ كۈننى دۆلەتنىڭ خاتىرە كۈنى قىلىپ خاتىرىلەشنى رەسمىي بەلگىلىدى. بۇنىڭغا شىئە مەزھىپى ئەمەل قىلدى. سۈنئىي مەزھىپى قارشى تۇردى.