UyghurMain Dictionary
ئاشىق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىششققا گىرىپتار بولغۇچى، مۇھەببەتكە بېرىلگۈچى، سۆيگۈچى، خۇشتار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىشىق - مۇھەببەتكە بېرىلگەن ئەر - قىز.
ئاشىققا باغداد يىراق ئەمەس. ئاشىق رەزىللىككە گىرىپتار بولسا، بۇلار دائىم مەشۇق ئىشىكىدە زار. ئاشىق - مەشۇققا ئۆلۈم كۆرۈنمەس. 14 - فېۋرال دۇنيا ئاشىق - مەشۇقلەر بايرىمى چەت ئەللەردە قىزغىن تەبرىكلىنىدۇ. مەھبۇپ - مەھبۇبەلەر مۇرادىغا يەتكەي.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرى جۇڭگوغا كەلگەن ھىندىستانلىق مۇددەرىس. ئەجداتى ۋە نام - شەرىپى ئېنىق ئەمەس. <ئاشىق> تەخەللۇسى بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن. <ئىمان ئەقىدىلىرى> دە خاتىرىلىنىشىچە، بۇ كىشى 13 يىل يول يۈرۈپ، نەنجىنگە كەلگەن، 1638 - يىلى نەنجىندە دەرس ئۆتكەن. تەڭرى بىلەن بەندە، تەبىئەت ۋە جان، مەرىپەت، مۇسۇلمانچىلىق، ئەۋلىيا - ئەنبىيا، چىنلىق ۋە خىيال قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرگىمۇ جاۋاب بەرگەن. ئىسلام دىنىنىڭ ئېتىقاد تەلىماتى توغرىسىدىكى ئىزاھاتىدا تەسەۋۋۇپچىلىق ۋە بۇددا دىنىنىڭ تۈسى قويۇق بولغان. ئۇ سۆزلىگەن <ئىمان توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش> نى جاڭ جۇڭ كىتاب قىلىپ چىقىپ، بۇ كىتابنى <ئىمان ئەقىدىلىرى> دەپ ئاتىغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىراۋنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈپ ئۇنىڭغا خۇشتا بولۇپ قالغان، مۇھەببەت قويغان كىشى.
ئاشىققا باغدات يىراق ئەمەس (ماقال).
كۆچمە. بىرەر نەرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان، ئۇنىڭغا بېرىلگەن كىشى.
گۈلگە ئاشىق بولغىنىم ئۈچۈن، گۈل تېرىدىم كۆڭلۈم بېغىغا. ۋۇجۇدۇمنى ئەيلىدىم تۇپراق، تومۇرۇمنى چېتىپ شېخىغا.
تەركىدۇنيا ھالدا بارلىقىنى خۇداغا بېغىشلىغان، كۆپىنچە ئىبادەتخانىلاردا يېتىپ - قوپىدىغان، چاچ - ساقاللىرى ئۆستۈرۈلگەن كىشى، دەرۋىش.
<يەتتە ئاشىق> بەلكى بىلمەس ئېركى بىر ئوت مەندە بار، مۇنچە سەن ھۆسنۈڭگە مەغرۇر …مۇنچە كىبرىڭ سەندە بار.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۆزىدىن باشقا جىنىستىكى كىشىنى ئەسەبىي سۆيىدىغان كىشى. ئويچان، ئۆزىنى ئۇنتۇغان كىشى.