UyghurMain Dictionary
ئاشنا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
دوست، بۇرادەر:
جەمالۇ جاھ ئېلىدىن يۈز فەراغەتىم باردۇر،
ئورامۇڭ ئىتى ماڭا ئاشنا، كېرەك بولسا.
لۇتقى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆڭۈل سۆيگەن كىشى، بىر - بىرىگە كۆيگەن ئىككى تەرەپنىڭ بىرى.
<ئاشنا>، <ئاداش> كۆپىنچە خوتۇنلۇق ئەر ياكى ئەرلىك خوتۇن ياكى بويتاق، تۇل ئەر - ئاياللاردىن بىر - بىرىگە كۆڭۈل بەرگەنلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
<دىلبەر>، <دىلدار>، <دىلرەبا> لار كىتابىي سۆزلەر، كلاس
بىر قول ئىككى ئىشنى قىلالماس زىنھار، بىر دىلغا سىغمايدۇ ھەرگىز ئىككى يار. يرىم چىقتى تالاغا، مېنى قويدى بالاغا. ئىككى ئالەمدە مېنىڭ نىگارىم بولسا يېنىمدا، بەس؛ يا بېھىش، دوزاخ، يا ھۈرۇ غۇلمان كېرەك ئەمەس. جاندىن كەچمىگۈچە، جانانغا يەتكىلى بولماس. ئاشناڭغا ئىشىنىپ، ئەرسىز قالما. ئاداش تاپتىم بازاردىن، خالاس بولدۇم قازادىن. باشقا تۈگمەن تېشى كەلگەندە ھەتتا، دىلبىرىدىن قايتسا دىل ئەمەس ئەسلا. دىلى كۆيگەنگە دىلرەبا بول.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
دوست. يار - بۇرادەر؛ تونۇش - بىلىش.
مەن ئۇ كۈنلەرنى كىتابنى يار، تەتقىقاتنى ئاشنا تۇتۇپ ئۆتكۈزمىگەن بولسام، بىر مىنۇتمۇ ياىيالمىغان بولاتتىم.
ئادىشى، ئوينىشى.
ئاشناڭغا ئىشىنىپ ئەرسىز قالما (ماقال).