Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئاشلېيى
Domain: دۇنيا تارىخى艾希利
ài xī lì
(1860 - 1927) ئەنگلىيە ئىقتىسادشۇناسى. ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئوقۇغان، كانادا تۇرۇنتو داشۆسى، ئامېرىكا خارۋارد داشۆسى ۋە ئەنگلىيە بىرمىڭھام داشۆلىرىنىڭ پروفېسسورى ۋە مۇدىرى بولغان. ئەنگلىيە سانائىتىگە قارىتا قوغدىنىش چېگرا بېجى سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ھۆكۈمەتكە ياردەملىشىپ بەزى مۇھىم ئىقتىسادىي تەكشۈرۈش - تەتقىق قىلىش خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن. <ئەنگلىيىنىڭ دەسلەپكى يۇڭ توقۇمىچىلىق سانائىتى تارىخى>، <ئەنگلىيە خەلق ئىگىلىكى تارىخى ۋە ئىقتىسادشۇناسلىققا كىرىش> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.